تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 25 مىڭغا چۈشتى (2-ماي)

2-ماي تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 25980 گە چۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 240 مىڭ كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 25980 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 2587 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 340 كىشى قازا قىلىپ، 75182 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.

تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بېرى، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي تۆت مىليون 480 مىڭغا، قازا قىلغانلار 40844 كە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 3532 گە يەتكەن.

بۇ خەۋەر 490 قېتىم كۆرۈلدى
03/05/2021 10:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق