تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 32 مىڭغا چۈشتى (30-ئاپرېل)

30-ئاپرېل تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 31891 گە چۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 265 مىڭ كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 31891 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 2673 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 394 كىشى قازا قىلىپ، 68183 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.

تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بېرى، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي تۆت مىليون 324 مىڭغا، قازا قىلغانلار 40131 گە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 3534 گە يەتكەن.

بۇ خەۋەر 474 قېتىم كۆرۈلدى
01/05/2021 12:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق