تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 40 مىڭدىن تۆۋەنلىدى (29-ئاپرېل)

29-ئاپرېل تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 37674 گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 782 مىڭ كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 37674 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 2715 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 339 كىشى قازا قىلىپ، 43253 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.

تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بېرى، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي تۆت مىليون 255 مىڭغا، قازا قىلغانلار 39737 گە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 3581 گە يەتكەن.

بۇ خەۋەر 572 قېتىم كۆرۈلدى
30/04/2021 10:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق