تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 20 مىڭغا چۈشتى (7-ماي)

7-ماي تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 20107 گە چۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 251 مىڭ كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 20107 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 2210 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 278 كىشى قازا قىلىپ، 35529 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.

تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بېرى، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي تۆت مىليون 662 مىڭغا، قازا قىلغانلار 42465 كە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 3260 قا يەتكەن.

بۇ خەۋەر 480 قېتىم كۆرۈلدى
08/05/2021 10:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق