تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 40 مىڭدىن تۆۋەن بولدى (26-ئاپرېل)

26-ئاپرېل تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 37312 گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 269 مىڭغا يېقىن كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 37312 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 2716 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 353 كىشى قازا قىلىپ، 48027 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.

تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بېرى، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي تۆت مىليون 121 مىڭغا، قازا قىلغانلار 38711 گە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 3563 كە يەتكەن.

تۈنۈگۈن ئېچىلغان تۈركىيە ئىچكى كابىنېت يىغىنىدا يەنە ئۇزۇن مۇددەتلىك سىرتقا چىقىش چەكلىمىسى يولغا قويۇش قارار قىلىنغان بولۇپ، 29-ئاپرېلدىن 17-مايغىچە تۈركىيەنىڭ بارلىق ۋىلايەتلىرىدە سىرتقا چىقىش چەكلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇ خەۋەر 571 قېتىم كۆرۈلدى
27/04/2021 11:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق