خىتاي جازا لاگېرى ھەققىدىكى ھۆججەتكە نارازىلىق بىلدۈردى

خىتاي جازا لاگېرى ھەققىدىكى ھۆججەتكە نارازىلىق بىلدۈردى

18-نويابىر خىتاينىڭ زۇۋانى بولغان يەرشارى ۋاقىت گېزىتى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى ئاشكارىلىغان خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان رەزىل سىياسىتىگە ئالاقىدار 400 بەتلىك ئىسپاتقا قارشى بايانات ئېلان قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئاقلىغان.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، گېڭ شۇاڭ نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى ئاشكارىلىغان خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان رەزىل سىياسىتىگە ئالاقىدار 400 بەتلىك ئىسپاتقا قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈپ، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى كۆرەلمىگەنلىكى، بۇ سىياسەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى خەلقنى نامراتچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، تېررورىزم خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقى، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركىزى»دە تەربىيەلەنگەن ئۈچ يىلدىن بېرى تېرورلۇق پائالىيەتلىرىنىڭ توختىغانلىقى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە قالايمىقان بىلجىرلاپ، نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنى مەخپىي ھۆججەتلەر بىلەن تەمىنلىگەن جاسۇسنىڭ سوراققا تارتىلىشى ۋە كىملىكىنى ئېنىقلاشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
16-نويابىر نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى مەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن تەمىنلەنگەن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە ئالاقىدار 400 بەتلىك مەخپىي ھۆججىتىنى ئاشكارىلىغان.
مەزكۇر ھۆججەتتە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تۈرمە ۋە جازا لاگېرىغا قامىلىپ، ئۆيلىرى تاقىلىپ قالغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى باش قىلىپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئوقۇغۇچىلارغا ئاتا-ئانىلىرىنى تېررورچى قىلىپ كۆرسىتىپ، ئۆز ئائىلە ئەھۋالىنى سىرتقا ئاشكارىلىماسلىق ھەققىدە قوللانغان تەھدىت ۋە ئالداش تەدبىرلىرى، شى جىنپىڭنىڭ قول ئاستىدىكى كوممۇنىستلارغا خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستان سىياسىتى ھەققىدە خەلقئارا جەمئىيەتتىن ھەرقانداق نارازىلىق پىكىرى كېلىشىدىن قەتئىينەزەر قۇلاق سالماسلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا رەھىم قىلىشقا بولمايدىغانلىقى ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكى، خىتاينىڭ بارلىق ۋەھشىي تەدبىرلەرنى ئىشقا سېلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتتىن يوشۇرۇۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرى، يەتمەكچى بولغان رەزىل مەقسەتلىرى ئاشكارىلانغان ئىدى. شۇنداقلا بۇ ھۆججەتنىڭ ئاشكارا بولۇپ قېلىشىنىڭ خىتاي مەركىزىي كومىتېتى ئەمەلدارلىرى ئىچىدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جازاسىدىن قورقۇش پىسخىكىسىنىڭ ئاللىبۇرۇن شەكىللەنگەنلىكىنى بىلدۈرىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان ئىدى.

بۇ خەۋەر 803 قېتىم كۆرۈلدى
19/11/2019 16:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق