ئىككى ئەنگلىيە پۇقراسى خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەندى

لوندون ساقچى دائىرىلىرى ئىككى ئەنگلىيە پۇقراسىنى خىتاينى پايدىلىق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەش، جاسۇسلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، لوندون شەھەرلىك ساقچىخانىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قوماندانلىق ئىشتابى باشچىلىقىدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ساقچىلىرى بىر مەزگىل تەكشۈرۈشتىن كېيىن، لوندوندىكى 29 ياشلىق كىرىستوفىر كەش ۋە ئوكسفوردتىكى 32 ياشلىق كىرىستوفىر بېررى ئىسىملىك ئىككى كىشى مەخپىيەتلىك قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش، قانۇنسىز ھالدا دۈشمەن دۆلەتنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن. مەزكۇر ئىككى گۇماندار كېپىللىككە قويۇپ بېرىلگەن بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە، 26-ئاپرېل ۋېستمىنىستېر سوت مەھكىمىدە سوتلىنىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، كىرىستوفىر بېررى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ساقچىلارنىڭ باياناتىدا ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇ 2021-يىلى 28-دېكابىردىن 2023-يىلى 3-فېۋرالغىچە بولغان ئارىلىقتا باشقا كىشىلەرگە ئۇچۇر يىغىپ بېرىش، خاتىرىلەش، نەشر قىلىش ياكى تارقىتىش، دۈشمەن دۆلەتلەرنى پايدىلىق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق دۆلەت بىخەتەرلىكى ياكى مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈش مەقسەت قىلىنغان قىلمىشلارنى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن.

كىرىستوفىر كەشنىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى بولسا 2022-يىلى 20-يانۋاردىن 2023-يىلى 3-فېۋرالغىچە داۋاملاشقان بولۇپ، ئىلگىرى كونسېرۋاتىپ پارتىيەنىڭ بىر ئەمەلدارى تەرىپىدىن قۇرۇلغان «خىتاي تەتقىقاتى گۇرۇپپىسى»نىڭ باش تەپتىشى بولغان ۋە پارلامېنت خىزمەتچىسى سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن.

خىتاينىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا باياناتچىسى بۇ مەسىلىگە جاۋاب بېرىپ، بۇ ئەيىبلەشنىڭ يامان غەرەزلىك تۆھمەت ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئەزەلدىن ھەرقانداق شەكىلدىكى جاسۇسلۇق ھەرىكىتىگە ئارىلاشمايدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1271 قېتىم كۆرۈلدى
24/04/2024 13:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق