ئۇيغۇر رەسساملار شىمالىي قىبرىستا

ئۇيغۇر رەسساملار شىمالىي قىبرىستا 

    شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى نىكوسىئا (Nikosia) شەھىرىدىكى زامانىۋى سەنئەت مۇزېيىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان رەسىم كۆرگەزمىسى ئۈچۈن تۈرك دۆلەتلىرىدىن كۆپلىگەن رەسساملارنى تەكلىپ قىلغان. بۇلارنىڭ قاتارىدا قازاقىستاندىن ئەخمەتجان ئەھەت، ھاشىم قۇربان قاتارلىق ئۇيغۇر رەسساملارمۇ تەكلىپ قىلىنغان. ئەخمەتجان ئەھەت 15 كۈنلۈك پائالىيەت جەريانىدا «قەشقەر كوچىلىرى» قاتارلىق ئالتە پارچە رەسىم سىزغان. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە سىزىلغان رەسىملىرى كۆرگەزمە قىلىنىپ، پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىغان. ئۇ پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن شىمالىي قىبرىس جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىقتىساد ۋە ئېنىرگىيە مىنىستىرى تەرىپىدىن كۈمۈش ئاچقۇچ مۇكاپاتى بىلەن مۇكاپاتلانغان.

    1571-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى قىبرىس ئوسمان ئىمپېرىيەسى تەرىپىدىن پەتھى قىلىنغان بولۇپ، كۈمۈش ئاچقۇچ مۇكاپاتى بولسا مۇشۇ غەلىبىنىڭ سىموۋولى ئىكەن.

    ئەخمەتجان ئەھەت ئۇتۇق قازانغان قازاقىستانلىق سەنئەتكار بولۇپ، ھازىر «ئۇيغۇر كوچىلىرى» ناملىق رەسىمى ئۈستىدە ئىشلەۋېتىپتۇ. ئۇ 2008-يىلى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق كۆرگەزمىگە قاتناشقان. 2011-، 2015-يىللىرى ئانا ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ، قەشقەر، تۇرپان قاتارلىق شەھەرلەرنى زىيارەت قىلغان ۋە بۇ جەرياندا تارتىلغان كۆپلىگەن سۈرەتلەرنى قازاقىستانغا ئېلىپ كەلگەن. ئەخمەتجان ئەھەت ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرى ۋە ئىتالىيە، تۈركىيە، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەرگە قاتناشقان. مۇشۇ ئاينىڭ 13~17-كۈنلىرى ئارىسىدا بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن رەسىم كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان.

 

بۇ خەۋەر 37767 قېتىم كۆرۈلدى
25/11/2019 15:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق