خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش مەبلىغىنى كۆپەيتتى

خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا خىتاي ئاققۇنلىرىنى تېخىمۇ كۆپلەپ كۆچۈرۈپ يەرلەشتۈرۈش ئۈچۈن سالغان مەبلەغنى داۋاملىق ئاشۇرغان بولۇپ، بۇ يىل شەرقىي  تۈركىستاندا 430 نۇقتىلىق تۈرنى يولغا قويۇپ، جەمئىي 3 تىرىليون 300 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىغان.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 19-ئاپرېل ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم  رايونىنىڭ چوڭ تۈرلەر ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇش ئەھۋالى» ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلغان. يىغىندا بۇ يىل شەرقىي تۈركىستاندا جەمئىي 3 تىرىليون 300 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان 430 نۇقتىلىق تۈر يولغا قويۇلۇپ، 350 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىشنىڭ تاماملاش پىلانلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئاتالمىش «زامانىۋى كەسىپ» نامىدا مەبلەغ سالغان تۈر 191 بولۇپ، جەمئىي 2 تىرىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە 229 مىليارد 900 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى تاماملاش پىلانلانغان بولۇپ، ئاساسلىقى  شەرقىي تۈركىستاندىكى تەبىئىي بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشقا مەركەزلەشكەن. بۇ خىل تۈرلەر ئاساسلىقى نېفىت-تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، يېشىل كانچىلىق، يېڭى ماتېرىيال، پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك قاتارلىق نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بېرى مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە قاماپ، ياشلارنى خىتاي ئۆلكىلىرى ۋە باشقا رايونلارغا سۈرگۈن قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى ئازايتىپ، ئورنىغا خىتاي ئاققۇنلىرىنى يەرلەشتۈرۈش قەدىمىنى تېزلەتمەكتە ۋە بۇ پىلانىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ھاۋا قاتنىشىنى، شۇنداقلا تۆمۈر يول ۋە تاشيوللارنى بىۋاسىتە تۇتاشتۇرۇپ، ئاققۇنلارنى كۆچۈرۈش ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش سالمىقىنى بارغانسېرى ئاشۇرماقتا.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ تۇنجى قەدەمدە تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىغا سولاپ، ئىسلامىي قىممەت قارىشىدىن، مىللىي كىملىكىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى، ئىككىنچى قەدەمدە خىتاي ئاققۇنلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈرۈش پىلانىنى زور كۈچ بىلەن ئىجرا قىلىپ،  جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەردىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئورنىنى خىتاي ئاققۇنلىرى بىلەن تولدۇرۇشقا باشلىغانلىقىنى، ئۇيغۇرسىز قالغان بازار، مەھەللىلەرنى خىتايلار بىلەن تولدۇرۇپ، بۇ يەرنىڭ ئىگىسىنى خىتاي قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى مۇشۇ ھالەتتە داۋام قىلغان تەقدىردە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىختا ئىككىنچى ئەندەلۇس بولۇپ قېلىش خەۋپى بارلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1949 قېتىم كۆرۈلدى
24/04/2024 12:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق