ئەركىن سەمەتنى ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ سالاھىيىتى ئاشكارىلاندى

ئەركىن سەمەتنى ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ سالاھىيىتى ئاشكارىلاندى

10-نويابىر ئىستانبۇلنىڭ فاتىھ رايونىدا يۈز بەرگەن ئەركىن سەمەتكە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە ئالاقىدار ئۈچ كىشىنىڭ سالاھىيىتى ئاشكارىلاندى.
ئۈچ گۇماندار ئادانادا تۇتۇلغاندىن كېيىن ساقچىلارنىڭ توختىماي سوراق قىلىشى نەتىجىسدە، قىرغىزىستانلىق ئەخمەت ئەلىيوف، ئابدۇللاھ ئەنۋەر قاتارلىق ئىككى جىنايەت گۇماندارىنىڭ سۇرىيەدىكى ئەل نۇسرا تەشكىلاتىدىن پارچىلىنىپ چىقىپ، باشقا بىر گۇرۇپپىغا قوشۇلغانلىقى، سۇرىيەنىڭ ساختا يول خېتى بىلەن 2017-2018-يىللىرى تۈركىيەگە كەلگەنلەر ئىكەنلىكى، ئەركىن سەمەتنى سۇرىيەنىڭ ئىدلىبتىكى تېررورلۇق تەشكىلاتنىڭ تەلىپى بىلەن مىڭ دوللارغا ئۆلتۈرگەنلىكى ئاشكارىلانغان. بۇلاردىن سىرت ئۇلارنىڭ ئەركىن سەمەتنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ئىستانبۇلغا يېتىپ كەلگەنلىكى ۋە ئەركىن سەمەتنى مۇۋاپىق ۋاقىتتا ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئۈچ كۈن كەينىگە چۈشكەنلىكىنى، ئەركىن سەمەتنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن سۇرىيەگە قېچىش ئۈچۈن كونياغا بېرىپ، بىر سۇرىيەلىك ئەرەب كىشى بىلەن ئۇچراشقانلىقى، ئارقىدىن تۈركىيەنىڭ ھاتايغا بېرىش ئۈچۈن ئادانا مەرسىن يولىدا سۇرىيەلىك ئەلى ئىسبەھ ھەيدىگەن 31 ADF 250 نومۇر تاختىلىق ماشىنىدا تۇتۇلغانلىقى ئاشكارلانغان.
جىنايەت گۇماندارلىرىنى ئاختۇرۇش جەريانىدا ئالتە تېلېفون، يەتتە ئەر، ئالتە ئايالنىڭ ساختا ياسالغان سۇرىيەلىكلەرگە بېرىلىدىغان ۋاقىتلىق قوغداش كىملىكى، پاسپورت ۋە شوپۇرلۇق كىنىشكىلىرى چىققان.

 

بۇ خەۋەر 665 قېتىم كۆرۈلدى
14/11/2019 14:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق