خىتاي چوشقا گۆشى باھاسىنى كونترول قىلىشقا ئامالسىز قالدى

خىتاي چوشقا گۆشى باھاسىنى كونترول قىلىشقا ئامالسىز قالدى
ب ب س تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئافرىقا چوشقا ۋاباسى سەۋەبلىك خىتايدىكى چوشقا گۆشى زاپىسى ئېھتىياجنى قاندۇرالمىغاچقا، ئامېرىكىدىن كۆپلەپ چوشقا گۆشى ئىمپورت قىلىشقا مەجبۇر بولغان.
خىتاي نەچچە كۈن بۇرۇن ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجى ئۆستۈرىشىگە قارشى 70 مىليارد دوللارلىق ئامېرىكا ماللىرىدىن قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. قىزىقارلىق يېرى شۇكى، قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئېلىنىدىغان بۇ مەھسۇلاتلار خىتاي ئۆزى ئىمپورت قىلىدىغان چوشقا گۆشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
خىتاي يېزا-ئىگىلىك تارماقلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالدىنقى ھەپتە خىتايدىكى چوشقا گۆشى باھاسى بىر ھەپتە بۇرۇنقى باھادىن %11 ئۆسۈپ كەتكەن. خىتاينىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا دائىرىلەر تولۇقلىما پۇلى بېرىش ئارقىلىق، چوشقا گۆشى باھاسىنى كونترول قىلماقچى بولغان. ھەتتا بەزى تاللا بازارلىرىدا كىملىك نومۇرىنى تىزىملاش ئارقىلىق چەكلىك مىقداردا گۆش سېتىپ بەرگەن.
چوشقا گۆشى باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشى باشقا مال باھاسىنىڭمۇ ئۆسۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. مۇتەخەسسىسلەر چەتئەلدىن ئىمپورت قىلىشنىڭ خىتايدىكى چوشقا گۆشى قىسلىقىنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى، باھا ئۆسۈشنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلاپ ماڭىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 1052 قېتىم كۆرۈلدى
30/08/2019 10:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق