خىتاي ئۆلكىلىرىدە پۇقرالارنىڭ شۆلگەي ئەۋرىشكىسى يىغىۋېلىنغان

خىتاي ئۆلكىلىرىدە پۇقرالارنىڭ شۆلگەي ئەۋرىشكىسى يىغىۋېلىنغان

يېڭى تاڭلىقلار تېلېۋىزىيەسى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدە پۇقرالارنىڭ شۆلگەي ئەۋرىشكىسى يىغىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان. ئەڭ يېڭى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى فوشەن شەھىرىدىكى دەنزاۋ يولۇچى بېكىتىدە ساقچىلار مەجبۇرىي ھالدا يولۇچىلارنىڭ شۆلگەي ئەۋرىشكىسىنى يىغىۋالغان.
خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاننى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك كونترول قىلىش ئۈچۈن خەلقنىڭ DNA ئۇچۇرىنى ئومۇمىيۈزلۈك توپلىغان بولۇپ، ھازىر بۇ ھەرىكەتنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگىمۇ ئاستا-ئاستا كېڭىيىشكە باشلىغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، يولۇچى بېكىتى خادىملىرى يولۇچىلارنىڭ زەھەر چەككەن-چەكمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈپ ئۈچۈن ساقچىلارنىڭ شۆلگەي ئەۋرىشكىسى ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما مۇناسىۋەتلىك شەخسلەر شۆلگەي ئەۋرىشكىسىنىڭ زەھەر چېكىملىك تەكشۈرۈش بىلەن ئالاقىسى يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
دەنزاۋ ساقچىخانىسى 2016-يىلىمۇ ھەرىكەتچان چىراي تونۇش سىسېتمىسىنى ئاشكارا كىرگۈزگەن. ئەمما بۇ قېتىم شۆلگەي ئەۋرىشكىسى يىغىۋېلىش سايمانلىرىنى كىرگۈزگەنلىكىگە ئالاقىدار ھېچقانداق ئۇچۇر تېپىلمىغان.
كۆزەتكۈچىلەر مەزكۇر خەۋەرگە ئاساسەن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باشقۇرۇش سىياسىتىنى ئاستا-ئاستا خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈۋاتقانلىقىنى، پۇقرالارنىڭ DNA ئۇچۇرىنى يوشۇرۇن يىغىۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلغان.

بۇ خەۋەر 822 قېتىم كۆرۈلدى
09/08/2019 15:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق