خىتاي دېڭىز رايونىدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

خىتاي دېڭىز رايونىدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

دوۋېي تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئورگان تور بېتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، شەرقىي جەنۇبىي دېڭىز ئەتراپىدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئېنىق ۋاقتىنى تىلغا ئالمىغان.
يېقىندىن بېرى تەيۋەننىڭ ۋەزىيىتى جىددىيلىشىشكە باشلىغان بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ 8-ئىيۇل تەيۋەنگە ئىككى مىليارد دوللار قىممىتىدىكى قورال-ياراغ سېتىپ بېرىش قارارى خىتاينىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ ئەتىسىلا ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش ئارقىلىق خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشقانلىقىنى، بۇ قىلمىشىغا قاتتىق قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇندىن باشقا تەيۋەن پىرېزىدېنتى سەي يىڭۋېننىڭ كارىب رايونىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن بېرىش ۋە قايتىش جەريانىدا ئامېرىكىدا تۆت كۈن توختاپ ئۆتۈشىمۇ خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.

بۇ خەۋەر 862 قېتىم كۆرۈلدى
14/07/2019 15:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق