خىتاي يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە باشقۇرۇشنى ئالاھىدە كۈچەيتتى

خىتاي يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە باشقۇرۇشنى ئالاھىدە كۈچەيتتى

زىمىستان تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى تيەنئەنمېن قەتلىئامى ۋە 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن باشقۇرۇشنى كۈچەيتكەن.
يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە خەلقئارادا تيەنئەنمېن قەتلىئامىنىڭ 30 يىللىقى ۋە 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 10 يىللىقىدىن ئىبارەت ئىككى ئالاھىدە كۈن خاتىرىلەنگەن بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى بۇ مەزگىلدە خەلقنىڭ قوزغىلىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، باشقۇرۇشنى ئالاھىدە كۈچەيتكەن.
خىتاينىڭ شەرقىي شىمالدىكى مەلۇم شەھىرىدە تارقىتىلغان ئۇقتۇرۇشتىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇ مەزگىلدە مۇقىملىقنى ساقلاش ھەققىدە ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش چۈشۈرگەن. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى نۇقتىلىق دىققەت ئوبيېكتىگە ئايلانغان.
ئۇقتۇرۇشتا بۇ ئىككى ئالاھىدە كۈن مەزگىلىدە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ قالايمىقان ئۇچۇر تارقاتماسلىقى كېرەكلىكى، توردىن چۈشۈرگەن مەزمۇنلىرىغىچە نازارەت قىلىنىدىغانلىقى، مەيدان، تەنتەربىيە زالى، مەكتەپ ئالدى دېگەنگە ئوخشاش كىشىلەرنىڭ يىغىلىش ئۆتكۈزۈش ئېھتىماللىقى بولغان جايلارغا قارىتا باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن.
چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ۋە شەرقىي تۈركىستانلىق ئوقۇغۇچىلار ئاساسلىق كۆزىتىش ئوبيېكتى بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۈندىلىك ھەرىكىتى ۋە گەپ-سۆزلىرىنى نازارەت قىلىش كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن. شۇنداقلا ئالاھىدە ئىككى كۈندە سىرتقا چىققانلارنىڭ، بولۇپمۇ بېيجىڭغا بارماقچى بولغانلارنىڭ سەۋەبى سۈرۈشتە قىلىنىدىغانلىقى، بارلىق ئۇچۇرلىرىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىغا يوللىنىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستانلىق ئوقۇغۇچىلار بۇ مەزگىلدىلا ئەمەس، بەلكى ھەرۋاقىت قاتتىق نازارەت ئاستىدا بولۇپ، بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرىنى دوكلات قىلىپ تۇرۇش تەلەپ قىلىنغان. ئۇنىڭدىن سىرت خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن مەخسۇس ئىدىيە ئۆزگەرتىش سىنىپى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىدە زوراۋانلىق ئېڭى بارلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ توغرىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرلانغان.

بۇ خەۋەر 1333 قېتىم كۆرۈلدى
14/07/2019 14:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق