ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار ھېيتلىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

 

 

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار ھېيتلىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

5-ئىيۇن ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىستانبۇل ئاۋجىلار دېڭىز ساھىلىدا ھېيتلىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
پائالىيەتنى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، تەشكىلات رەھبەرلىرى، پېشقەدەم ئۆلىمالار ۋە خەلق ئاممىسىدىن بولۇپ 4000 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.


شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى، قوشۇمچە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان باشلىنىش سۆزى قىلىپ: «بىز مۇھاجىرەتتە ئاتا-ئانىمىزغا ۋە تۇغقانلىرىمىزغا ھېيتىنى تەبرىكلىيەلمەي، ئىچى سىقىلىش ئىچىدە ئۆتۈۋاتقان بولساقمۇ، قېرىنداشلار يەنىلا ئۆزئارا ھېيتلىشىش ئۈچۈن بۇ يەرگە يىغىلدۇق. ئاللاھ خالىسا بىز كېلەركى يىللىق ھېيتنى ۋەتەندە ئۆتكۈزۈشكە تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن ياشىشىمىز، شۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشمىز لازىم» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.


پائالىيەت ئۆسمۈرلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق مارشى ئوقۇشى ببلەن رەسمىي باشلاندى.

 

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار سۆز قىلىپ: «ئۇيغۇرلار ھەر ۋاقىت ئويلىشىۋاتقان بىر مەسىلە بار. ئۇ بولسىمۇ شەرقىي تۈركىستاندىن خىتاينى قوغلاپ چىقىرىش. خىتاي بىزنى بۇ مەقسەتكە يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن ئارىمىزغا پىتنە ئۇرۇقى چېچىۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستاننى ئازاد قىلىش ئۈچۈن ھەممىدىن مۇھىمى بىرلىك. بىز قاچان بىرلىشەلىسەك، ئەخلاقىمىزنى ياخشىلىيالىساق خىتايغا ئۈنۈملۈك قارشى تۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاننى مۇستەقىل قىلالايمىز» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.


پائالىيەت جەريانىدا بالىلار چۈچۈك تىللىرى بىلەن ۋەتەنپەرۋەرلىك، ۋەتەننى سېغىنىش مەزمۇنىدىكى قوشاقلارنى ئوقۇپ بەردى.

 


شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن ئۇستاز نىياز داموللام ۋە ھەبىبۇللاھ كۈسەنى بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھېيتىنى مۇبارەكلىدى ھەمدە: «شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق دەۋاسى مەسىلىسىدە ئۈمىدۋار بولۇش لازىم. ئەھۋالىمىز ئېچىنىشلىق بولسىمۇ، پەرزەنتلەرنىڭ ياخشى ئۆسۈپ-يېتىلىشى ئۈچۈن ئۆزىمىزنى خۇشال تۇتۇپ، بالىلارنى ياخشى ئوينىتايلى» دېگەنلەرنى تەۋسىيە قىلدى.

ئۆلىمالار بىرلىكىدىن دوكتور ئابدۇراھمان جامال سۆز قىلىپ، ئاللاھقا دۇئا قىلىش بىلەن بىرگە ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىش، ئىش-ھەرىكەتنى پىلانلىق قىلىش كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.


ئاخىردا ياش-ئۆسمۈرلەر ئارا مىللىيچە چېلىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈپ، ھېيت خۇشاللىقى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقتى.

 

بۇ خەۋەر 2166 قېتىم كۆرۈلدى
05/06/2019 20:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق