ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار قەدىر كېچىسىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار قەدىر كېچىسىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى

31-ماي ئۇيغۇرلار ئىستانبۇل كۈچۈكچەكمەجە فاتىھ جامەسىدە قەدىر كېچىسىنى بىرگە ئۆتكۈزدى.
پائالىيەتنى شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى تەشكىللىگەن بولۇپ، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلات يېتەكچىلىرى، پېشقەدەم ئۆلىما ۋە ئۇستازلار ۋە ئەر-ئاياللاردىن بولۇپ 4000 غا يېقىن كىشى قاتناشتى.
پائالىيەت كېچە سائەت 11 يېرىمدا باشلىنىپ، سەھەر سائەت ئىككى يېرىمغىچە داۋام قىلدى.
پائالىيەتتە دەۋەت-تەربىيە ئاساس قىلىنىپ، بىر نەچچە رەكئەت تەھەججۇد نامىزى ئوقۇلغاندىن كىيىن، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىدىكى ئۇستازلار ۋە يېتەكچىلەر قەدىر كېچىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى، ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.

تەھەججۇد نامىزىنىڭ ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن ئۆمەر قارىھاجىمنىڭ يېتەكلىشى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي زۇلمىدا ئىڭراۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تېزرەك ئازادلىققا ئېرىشىشى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ھالاكىتى ئۈچۈن تەسىرلىك دۇئالار قىلىندى.

https://www.facebook.com/udun.udun.7927/videos/457737685031534/

 

بۇ خەۋەر 1714 قېتىم كۆرۈلدى
01/06/2019 17:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق