ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخانغا چوڭقۇر مەنىلىك سوۋغات تەقدىم قىلىندى

ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخانغا چوڭقۇر مەنىلىك سوۋغات تەقدىم قىلىندى
14-نويابىر «ھەرىكەت ۋە ئادالەت كۇلۇبى» شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخانغا سوۋغات تەقدىم قىلدى.
ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان ھەرىكەت ۋە ئادالەت كۇلۇبى ئورۇنلاشتۇرغان «شەرقى تۈركىستان قېرىنداشلىق پائالىيىتى»گە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بولۇپ، كۇلۇب سابىت ئابدۇلباقى داموللامغا ئاتاپ بىر دانە كۆچەت تەقدىم قىلدى.
ھەدىيە تاختىيىغا مۇنۇلار يېزىلغان: «سوۋغات قىلىنغان كۆچەت ئىستانبۇل بەيكوز كۆللۈك يېزىسىنىڭ كۆكەرتىش مەيدانىغا تىكىلدى. سوۋغات قىلىنغان كۆچەتنىڭ ئۈمىدلىرىڭلار بىلەن بىرلىكتە كۆكلىشىنى تىلەيمىز. تېخىمۇ گۈزەل بىر دۇنيا قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرغان خىزمەتلەرگە ھەمدەمدە بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمىز».

بۇ خەۋەر 1068 قېتىم كۆرۈلدى
16/11/2019 14:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق