ئىستانبول شەھەرلىك ھۆكۈمەت خىتايچە يول كۆرسەتكۈچلىرى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

ئىستانبول شەھەرلىك ھۆكۈمەت خىتايچە يول كۆرسەتكۈچلىرى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

ئىستانبول شەھەرلىك ھۆكۈمەت خەلق ئاممىسىنىڭ مىترو بىكەتلىرىگە ئېسىلغان خىتايچە يول كۆرسەتكۈچلەرگە بولغان نارازىلىقىغا جاۋاب بېرىپ بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا مۇنۇلار بىلدۈرۈلدى:

ئىستانبول شەھەرلىك ھۆكۈمەت چەتئەللىك ساياھەتچىلەر سانىنى كۆپەيتىش ھەمدە ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت ئىشلىرىغا قولايلىق يارىتىش مەقسىتىدە چەتئەل تىلىدا يول بەلگىسى ئاستى. خىتايچە يول كۆرسەتكۈچلىىر خىتاي قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70-يىللىق كۈنىدە تۈركىيەگە كەلگەن خىتاي ساياھەتچىلىرى ئىنتايىن كۆپ بولغانلىقى سەۋەبلىك ئېسلدى. ھازىر ئېسىلغان خىتايچە يول كۆرسەتكۈچلىرى بۇنىڭدىن كېيىنكى ساياھەتچىلەرگە قارىتا ئېسىلدى. بۇندىن كېيىن تۈركىيەگە كەلگەن ساياھەتچى سانىنىڭ كۆپلىكىگە قاراپ ساياھەت پەسىللىرىدە ھەرخىل تىللاردىكى يول كۆرسەتكۈچلەر ئېسىلىدۇ. خىتاي كونسۇلىنىڭ تەلىپى بۇيىچە كاباتاشتىن باغچىلار تەرەپ يولىنىشتىكى تىرامۋاي بېكەتلىرى، يېنىكاپىدىن ھاجى ئوسمان مترو تەرەپ يولىنىشتىكى 30 بىكەت، ئورتا كۆي، كادىكۆي، ئۈسكۈدار ۋە ئاراللار  يۆلىنىشتىكى 11 بىكەت ئىسىملىرى ۋە 56 ساياھەت رايۇنلىرىنىڭ يول كۆرسەتكۈچلىرى تەرجىمە قىلىندى»

باياناتتا، تۈركىيە خەلقى ۋە كەڭ ئىجتىمائىي سىياسى تەشكىلاتلارنىڭ قارشىلىقى قىلىچە نەزەرگە ئېلىنماي بېكەت ئسىملىرىنىڭ خىتايچە يېزىلىشىنى خىتاينىڭ تەلىپى بويىچە قىلغانلىقىنى بۇندىن كېيىنمۇ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 671 قېتىم كۆرۈلدى
08/10/2019 17:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق