خىتاي چەتئەلدىكى خوڭكوڭنى قوللىغان نامايىشلارغىمۇ بۇزغۇنچىلىق قىلدى

خىتاي چەتئەلدىكى خوڭكوڭنى قوللىغان نامايىشلارغىمۇ بۇزغۇنچىلىق قىلدى
گېرمانىيە ئاۋازى تورىنىڭ 2-سېنتەبىردىكى خەۋەرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، لىتۋانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى خىتاي ئەلچىخانىسى خادىملىرىنىڭ لىتۋانىيە خەلقىنىڭ خوڭكوڭنى قوللاپ ئۆتكۈزگەن نامايىشىغا قەستەن بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.
23-ئاۋغۇست يۈزدىن ئارتۇق لىتۋانىيە خەلقى كوچىدا قول تۇتۇشۇپ، «ئادەم زەنجىرى» ھاسىل قىلىپ، خوڭكوڭدىكى نامايىشقا ئاۋاز قوشقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما بۇ كۈنى بىر قىسىم خىتايلار خىتاي بايرىقىنى كۆتۈرۈپ كېلىپ، نامايىشچى خەلقكە قەستەن دەخلى قىلغان. كېيىن ساقچىلار كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككى خىتاينى جەمئىيەت ئامانلىقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ، جەرىمانە قويغان.
نەچچە كۈن بۇرۇن لىتۋانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى خىتاينىڭ لىتۋانىيەدىكى باش ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، خىتاي ئەلچىلىرىنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ چەكتىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى، ئۆز سالاھىيىتىگە قىلچە ماس كەلمەيدىغان ھەرىكەتلەردە بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنى ئەيىبلىگەن. شۇنداقلا بۇ خىل ئەھۋالنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما خىتاي تەرەپ بۇنىڭغا تېخى ئىپادە بىلدۈرمىگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، 1989-يىلى 23-ئاۋغۇست سوۋېت ئىتتىپاقىغا تەۋە بولغان لىتۋانىيە، لاتۋىيە ۋە ئېستونىيەدىكى مىليونلىغان خەلق قول تۇتۇشۇپ، ئۇزۇنلىقى 600 كىلومېتىردىن ئاشقان، ئۈچ دۆلەتتىن ھالقىغان «ئادەم زەنجىرى» ھاسىل قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىنىڭ تۇنجى سىگنالىنى چالغان. خىتاي تاراتقۇلىرى لىتۋانىيە خەلقىنىڭ ئوخشاش بىر كۈندە قايتىدىن ئادەم زەنجىرى ھاسىل قىلىپ نامايىش قىلىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە خوڭكوڭنىڭ مۇستەقىللىقىغا ئىشارەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ نامايىشقا قاتتىق نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 978 قېتىم كۆرۈلدى
04/09/2019 14:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق