«شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق» تېمىسىدا دوكلات ئېلان قىلىندى

 

9-ماي ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى ئورگان تور بېتىدە «شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق» تېمىسىدا دوكلات ئېلان قىلغان. دوكلات ئىنگلىز ۋە تۈرك تىلىدا تەييارلانغان بولۇپ، يېقىندا تۈركىيە پارلامېنتى، ھەرقايسى پارتىيەلەر ۋە قانۇن تەشكىلاتلىرىغا سۇنۇلىدىكەن.
43 بەتتىن تەركىب تاپقان دوكلاتتا 135 گۇۋاھلىق بەرگۈچىنىڭ ماتېرىيالى خاتىرىلىنىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بېكىتكەن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى»نىڭ شەرتلىرىگە چۈشىدىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن قىرغىن قىلىنىۋاتقانلىقىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى دەلىللەنگەن.

بۇ خەۋەر 1077 قېتىم كۆرۈلدى
10/05/2019 14:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق