ش ت ت ب ھەيئىتى شىۋېتسىيەدىكى تۈرك ئەلچىخانىىسدا...

 ش ت ت ب ھەيئىتى شىۋېتسىيەدىكى تۈرك ئەلچىخانىىسدا...

-20نويابىر شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ يېتەكچىلىكىدىكى بىر ھەيئەت تۈركىيەنىڭ شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنى زىيارەت قىلدى.

ھەيئەتنى باش  ئەلچى ھەققىئەمرە يۇنت بىلەن باش ئەلچى مەسلىھەتچىسى سۇلايمان سۈھە زۇلپىقار ئىشخانىسىدا كۈتۈۋالدى. ھەيئەت باش ئەلچىگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە تەپسلىي دوكلات بەردى.

باش ئەلچى بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى شەرقي تۈركىستانغا زىيارەتكە بارغان بولۇپ، ھەيئەتنىڭ شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا بەرگەن دوكلاتى ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى تونۇشلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. ھەيئەت مۇھىم بىر پەيتتە باش ئەلچىنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، باش ئەلچى شەرقىي تۈركىستاندا كۆرگەن بەزى ئەھۋاللاردىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قاتتىق باستۇرۇلغانلىقىدەك ھەقىقەتنى ئايدىڭلاشتۇرغان.

بۇ خەۋەر 1279 قېتىم كۆرۈلدى
20/11/2019 16:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق