ئۈچ گېرمانىيەلىك خىتايغا جاسۇسلۇق قىلغانلىقى سەۋەبلىك قولغا ئېلىندى

ئۈچ گېرمانىيە پۇقراسى خىتاي جاسۇسلۇق ئورگىنى بىلەن ھەمكارلىشىش، جاسۇسلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىندى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گېرمانىيە فېدېراتىپ تەپتىش مەھكىمىسى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، 22-ئاپرېل خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى (MSS) بىلەن ھەمكارلىشىپ جاسۇسلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن گۇمان قىلىنغان ئۈچ گېرمانىيە پۇقراسىنىڭ گېرمانىيەنىڭ غەربىدە قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

گېرمانىيە تەپتىش مەھكىمىسى جاسۇسلۇق دېلوسى ئىشخانىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۈچ گۇماندارنىڭ 2022-يىلى 6-ئايدىن بۇرۇن خىتاينىڭ ئالاھىدە ئورگىنىغا ئىشلەشكە باشلىغانلىقى ھەققىدە كۈچلۈك گۇمان بار بولۇپ، خىتايغا ئىشلىگەن ۋاقتى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق ئىكەن.

گېرمانىيە ئاۋازى ئىنگلىزچە تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مەزكۇر ئۈچ گۇماندار گېرمانيە فېدېراتىپ جىنايى ئىشلار ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. ۋەقەدىن كېيىن جاۋابكارلارنىڭ ئۆيلىرى ۋە خىزمەت ئورۇنلىرىمۇ ئاختۇرۇلغان.

بۇ ھەقتە نەقىل ئېلىنغان خەۋەرلەردە ئاشكارىلىنىشىچە، تۇتۇلغانلارنىڭ ئىچىدىكى توماس-R ئىلگىرى خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ئورگىنى بولغان دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ياللانما خادىمى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ گېرمانىيەنىڭ ھەربىي ساھەگە ئىشلىتىشكە بولىدىغان يېڭى ئىجاد قىلىنغان تېخنىكىلىرىغا ئائىت ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەن. گېرمانىيە تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قارىشىچە، توماس-R ئۇچۇرغا ئېرىشىش ئۈچۈن دۇسسېلدورف شەھىرىدە شىركەت ئاچقان باشقا ئىككى جاسۇس ھېرۋىگ-F ۋە ئىنا-F دىن پايدىلىنىپ، ئالاقىدار ئۇچۇرغا ئېرىشكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1190 قېتىم كۆرۈلدى
23/04/2024 15:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق