خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ماقۇللىغان ئۇيغۇر قانۇن لايىھەسىگە قارشى رەزىل باياناتىغا رەددىيە

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ماقۇللىغان ئۇيغۇر قانۇن لايىھەسىگە قارشى رەزىل باياناتىغا رەددىيە

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

شەرقىي تۈركىستان ئەزەلدىن خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئەمەس، بەلكى مۇستەملىكە قىلىنغان زېمىن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۈرىشى مۇستەملىكە قىلغۇچى بىلەن مۇستەملىكە قىلىنغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشتۇر.
سەن 21-ئەسىردە تۇرۇپمۇ، مۇستەملىكە قىلغان زېمىن - شەرقى تۈركىستاندا دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدىلا ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ياۋۇز، ئەڭ ۋەھشىي، كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان جازا لاگېرلىرىنى قۇرۇپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنلىرىنى دەپسەندە قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئوچۇق-ئاشكارا قىرغىن قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جازا لاگېرلىرىنى تاقاش، بىگۇناھ ئىنسانلارنى قويۇپ بېرىش ھەققىدىكى قارارىنىمۇ كۆزگە ئىلماي، قىرغىنچىلىقنى تېخىمۇ ۋەھشىي ئۇسۇلدا داۋاملاشتۇرساڭ، ئۇيغۇر مەسىلىسى قانداقمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى ئىشى بولسۇن؟!
ئۇيغۇر مەسىلىسى ھازىر خەلقئارالىق مەسىلىگە ئايلاندى. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە ھەرگىزمۇ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى مۇستەملىكە قىلىنغان زېمىننى قايتۇرۇپ ئېلىش مەسىلىسىدۇر. شەرقىي تۈركىستاندا ئەزەلدىن تېررورىزم ياكى ئەسەبىيلىك مەۋجۇت ئەمەس. ئەگەر تېررورىزم بار دېيىلسە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنى يوقىتىشقا ۋاسىتە تاللىماي يۈرگۈزۈپ كەلگەن دۆلەت تېررورىزمى بار.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ماقۇللىغان ئۇيغۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ تەستىقتىن ئۆتۈشى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان دۆلەت تېررورىزمىنى چەكلەش يولىدا باسقان تۇنجى قەدىمى بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا غايەت زور مەنىۋى كۈچ ئاتا قىلدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ۋە خەلقىگە چەكسىز مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن.
قورچاق رەئىس شۆھرەت زاكىر بىلەن ئابدۇشۈكۈر داموللا ئەمەلىيەتتە سەن خىتايلارنىڭ قولىدىكى زەنجىردە باغلاقلىق، ۋىجدانسىز، ئۆز مىللىتىگە خىيانەت قىلىشنى ياشاش مىزانى قىلىۋالغان ئومۇرتقىسىز ھايۋانلاردۇر. بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈن دۇنياغا ئاشكارىلىنىپ كەتكەن ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىي جازا لاگېرلىرىنى يەنە پەردازلاپ، «كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە مەركىزى» دەپ سۆزلىتىشىڭ دۇنياغا ئاشكارىلىنىپ بولغان جىنايەتلىرىڭنى ھەرگىزمۇ ئاقلىيالمايدۇ. شۇنداقلا «بىزدىن بولمىغانلارنىڭ نىيىتى يامان» دېگەن ئىدىيەڭ بويىچە ئۆزۈڭنىڭ مىللىتىدىن بولمىغانلار سېنىڭ نەزىرىڭدە مەڭگۈ دۈشمەن. ئۆزۈڭ بىر قوللۇق تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن، ساڭا ساداقەت بىلەن ئىشلىگەن، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا ئۇستىلىق بىلەن پايدىلانغان قورچاق نۇر بەكرىنى ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشىڭ بۇنىڭ ئەمەلىي ئىسپاتىدۇر.
بۇ سۈرەتتىكى ئايال ئايگۈل سۇلتان، 53 ياش، ئونسۇ ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ خىزمەتچىسى. ياغلىق چەگكەن سۈرىتى جازا لاگېرىغا كىرىشتىن ئىلگىرىكى ھالىتى، يېنىدىكىسى بولسا ئاتالمىش «كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە مەركىزى»دىكى تەربىيەلىنىشتىن كېيىنكى ھالىتى. ئەھۋال بۇ تۇرسا، جازا لاگېرىدىكى ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ھالىتىنى قانداق تەسەۋۋۇر قىلالايمىز؟ ئۇلار ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلمەكتە، ئىچكى ئەزالىرى ئوغرىلانماقتا، ئاياللار جىنسىي خورلۇققا ئۇچرىماقتا، ئەۋلاد قالدۇرۇش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قىلىنماقتا.
ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ سەرخىل ئىنسانلىرى بولغان مۇھەممەد سالىھ داموللام... قاتارلىق سەرخىللىرىمىزنى جازا لاگېرلىرىدا ۋەھشىيلىك بىلەن ئۆلتۈردۈڭ؟ بۇلارنىڭ گۇناھى نېمە؟ ئاجىزلار كۈچلۈكلەرنىڭ ئالدىدا مەڭگۈ گۇناھكار دەپ، ئۆزۈڭنىڭ مىللىتىدىن بولمىغانلارنىڭ ھەممىسى سېنىڭ نەزىرىڭدە مەڭگۈ جىنايەتچى.
قۇللۇقتىن ئۆلۈم ئەلا، ياشىسۇن مۇستەقىللىق!

بۇ خەۋەر 59123 قېتىم كۆرۈلدى
09/12/2019 16:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق