قېرىنداشلىرىمىزنىڭ سەمىگە...

 

 

قېرىنداشلىرىمىزنىڭ سەمىگە...

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! تۈركىيەدە تۇرىمىز ۋە ياشايمىز دەيدىكەنمىز، تۆۋەندىكىلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلايلى:

1. مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى ۋاقتىدا بېجىرەيلى، كەملىرىنى تولۇقلىۋالايلى.

2. دۆلەتنىڭ قانۇن-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، ئىجابىي سىياسەتلىرىدىن ئۆنۈملۈك پايدىلىنايلى.

3. يەرلىك كىشىلەر، قوشنىلار بىلەن ياخشى چىقىشىپ، قېرىنداشلارچە ئۆتەيلى.

4. تازىلىققا، تەرتىپكە، سۈپەتكە، ساپاغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرەيلى.

5. ئۆزئارا ئىناق بولۇپ، بىر-بىرىمىزنى قوللايدىغان، قوغدايدىغان شەرەپلىك ئۇيغۇرلاردىن بولايلى.

6. تۈركىيە بىزنىڭ ئىككىنچى يۇرتىمىز، تۈرك خەلقى بىزنىڭ مىللىي ۋە دىنىي قېرىنداشلىرىمىز، شۇنداقلا دوستلىرىمىز ئىكەنلىكىنى ھەر ۋاقىت ئېسىمىزدە چىڭ تۇتايلى.

7. تۈركلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق پىتنە-ئىغۋالارغا ھەرگىز ئىشەنمەيلى. بىز ۋاپاسىزلىق قىلمىساق، تۈرك قېرىنداشلىرىمىز بىزلەرگە ھەرگىز خىيانەت قىلمايدۇ. 

8. ئۆزئارا ئىتتىپاقلىقىنى بۇزىدىغان ئىشلارغا، ياخشى تەسىرىمىزنى بۇزۇشقا سەۋەب بولىدىغان سۇيىقەستلەرگە قەتئىي يول قويمايلى.

 9. بەزى سەزگۈر خەۋەرلەر ياكى مەنبەسى ئېنىق بولمىغان ئۇچۇرلار تارقالسا بەك جىددىلىشىپ كەتمەي، خاتىرجەم ھالدا ئۆزىمىزنىڭ ئىشلىرىغا پۇختا بولايلى.

10. ئاڭلىغان گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى سەلبىي چۈشىنىدىغان، دوسلتارنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى ئۇنتۇپ، يامان گەپلىرىنىلا قىلىدىغان، مەن چوڭ بولدۇم دەپ پايدىلىق نەسىھەتنىمۇ ئاڭلىمايدىغان، خاتالىقلىرىمىزنى ئېتىراپ قىلمايدىغان، ئەيىبلىرىمىز ئېچىلىپ قالسىمۇ ھېس قىلالمايدىغان... ئىللەتلىرىمىزنى دەرھال تۈزىتەيلى.

  ئەگەر چۈشەنچىمىز ۋە ھەرىكەتلىرىمىز ئۇنداق بولمايدىكەن، ۋەتەننى تارتقۇزۇپ قويغان گۇناھىمىز ئۈچۈن ھەرقانداق يەردە ئېغىر بەدەلنى تۆلىگىچىمۇ بىز، چوڭ زىياننى تارتقۇچىمۇ بىز بولۇپ قالىمىز.

ھەقدار

بۇ خەۋەر 1958 قېتىم كۆرۈلدى
26/06/2019 17:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق