ئۆزىنى ئۆزى ئۆلتۈرگەن پادىشاھ

 

ئۆزىنى ئۆزى ئۆلتۈرگەن پادىشاھ

ئەزىز نەسىن

(تەرجىمە ئەسەر)

 

بىر زامانلاردا بىر دۆلەتتە ناھايىتى ھىيلىگەر ۋە قۇۋ بىر پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن. ئۇ ناھايىتى مەككار ۋە قانخور بىر پادىشاھ بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىزتىراپ ئىچىدە ياشايدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوردىسىدا خاتىرجەم تۇرالماي، داۋاملىق كىيىم-كېچەكلىرىنى ئۆزگەرتىپ، خەلق ئىچىگە سىڭىپ كىرىپ، كىشىلەرنىڭ ئۆزى توغرۇلۇق نېمە دېيىشىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرىدىكەن.

كېيىنكى كۈنلەردە دۆلەتنىڭ ئەھۋالى خارابلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىپتۇ. بۇ ۋاقىتتا پادىشاھ خەلقىنىڭ ئۆزى توغرۇلۇق ئېيتىۋاتقان ناچار سۆزلىرىنىڭ كۈندىن-كۈنىگە كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بىلىپتۇ. بىر كۈنى پادىشاھ بازارلارنى ئايلىنىپ يۈرۈپ، ئۆزى داۋاملىق كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلايدىغان چايخانىغا كېلىپ ئولتۇرۇپتۇ. ئۇ كىشىلەرنىڭ شۇنداق دېيىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپتۇ:

- پادىشاھنى يەر يۇتسۇن!

- قۇرۇپ كەتسۇن بۇنداق پادىشاھ!

تولىمۇ ھىيلىگەر بولغان بۇ پادىشاھ كىشىلەر توپىغا قوشۇلۇپ، ئۆزىنى تىللاشقا باشلاپتۇ:

- يەردىن-يەرگە ئۇرۇلۇپ، سۆرۈلۈپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قان قۇسۇپ ئۆلسەڭ، بىزمۇ سەندىن قۇتۇلساق.

يەنە بىر كۈنى پادىشاھ كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ، شەھەردىكى بىر چايخانىغا كىرىپتۇ. بۇ چايخانىدىمۇ كىشىلەر پادىشاھنى تىللاۋاتقان ئىكەن. پادىشاھ ئۇلاردىن:

- سىلەر پادىشاھنى نېمىشقا بۇنداق ھاقارەت قىلىسىلەر؟ - دەپ سوراپتۇ.

ئۇ كىشىلەردىن بىرسى ئاچچىقىدا ۋارقىراپ تۇرۇپ شۇنداق دەپتۇ:

- نېمىشقا تىللىمىغۇدەكمىز؟ خەلقىمىز ئىشسىز، ئۆز ۋەتىنىدە ئىشسىزلىقتىن ئاچ قېلىپ، قىرىلىپ كېتىۋاتىدۇ. ئۆز ۋەتىنىدە ياشىيالماي، مۇساپىر بولۇپ باشقا دۆلەتلەرگە چىقىپ كېتىۋاتىدۇ. پۇلدار، ھوقۇقدار كىشىلەرنىڭ ئىشىكلىرىگە تەلمۈرۈش بىلەن كۈن ئۆتكۈزىدىغان ھالغا كەلدۇق. شۇ چېگرالار ئېچىلسا، باشقا دۆلەتلەر بىزنى ئىشچىلىققا قوبۇل قىلسا، ھەممە ئادەم قېچىپ چىقىپ كېتىدۇ. بۇ دۆلەتتە قېرى، ئاجىز، مېيىپ ۋە بالىلاردىن باشقا ھېچكىم قالمايدۇ.

ئۇ كىشىلەردىن يەنە بىرسى قوپۇپ شۇنداق دەپتۇ:

- ھەممە نەرسە قول كۆيدۈرگىدەك قىممەت. ياشاش كۈندىن-كۈنىگە تەسلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. مال باھاسى كۈنسېرى ئۆسۈپ كېتىۋاتىدۇ.

كىشىلەر ئارقا-ئارقىدىن دەردىنى تۆكۈشكە باشلاپتۇ.

- ئارقا ئىشىك قىلساڭ ئىشىڭ ئىش بولىدۇ، قىلالمىساڭ ھېچنىمە يوق. «پارا» ئېلىشقا «سوۋغا» دەپ ئىسىم بەردى. پۇلىمىزنىڭ قىممىتى كۈندىن-كۈنىگە تۆۋەنلەپ كېتىۋاتىدۇ. سېتىلدۇق ئۈچ تىيىنغا، قەرز بولدۇق ئۇچقان قۇشقا. ھېلى سۇ يوق، ھېلى توك. ھېلى گاز توختىغان، يەنە توك يوق. تاپقان گازلىرىڭ يېقىلماس، يېقىلغانلىرى پارتلار. بۇلارمۇ يەتمىگەندەك، پادىشاھغا تۆلەيدىغان ئالۋاڭ-ياساق، باجلارنىڭ كۆپلۈكىنى دېمەيسىز. خەلقنىڭ ھالى قانداق؟ بۇنى كۆرىدىغان، سورايدىغان ئادەم يوق. ئۆي ئىجارىسىنىڭ قىممەتلىكى... كىشىلەر ئۈمىدسىز، ھەممە ئادەم بۇرۇختۇملۇق ئىچىدە.

خەلق پادىشاھنىڭ كەلسە-كەلمەس، قالايمىقان قانۇنلىرىنى ساناپمۇ تۈگىتەلمەيتتى. كىيىملىرىنى ئۆزگەرتىپ خەلقنىڭ ئىچىگە كىرىپ ئولتۇرغان مەككار پادىشاھ ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىنىڭ بىلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ئۆزىنى تىللاشقا باشلاپتۇ:

- ئۇ زالىم پادىشاھنىڭ ئىككى كۆزى كور بولسۇن!

پادىشاھ ئۆزىنى ئۆزى كۈچەپ تىللاۋەرگەچكە، خەلق ئۇنى ئۆز ئادەم دەپ قاراشقا باشلاپتۇ.

يەنە بىر كۈنى پادىشاھ كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ خەلق ئىچىگە كىرگەندە، شۇنداق سۆزلەرنى ئاڭلاپتۇ:

- ئەمدى بۇنداق كېتىۋېرىشكە، سۈكۈت قىلىپ تۇرۇشقا بولمايدۇ.

- بۇنداق كېتىۋەرسە، ھەممىمىز ھالاك بولىمىز.

- بىر چىقىش يولى تېپىشىمىز كېرەك.

 بىر كۈنى پادىشاھ يەنە تەقى-تۇرقىنى ئۆزگەرتىپ، يوشۇرۇنچە ئوردىسىدىن چىقىپ، بىر مېھمانخانىغا كەپتۇ. پادىشاھ بۇ مېھمانخانىدا ياشلارنىڭ يىغىلىشىپ، پادىشاھنىڭ زۇلمىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، بىر يول تېپىش ئۈچۈن مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپتۇ. پادىشاھ قىممەتلىك سوۋغىلارنى تەقدىم قىلىپ، مېھمانخانا خوجايىنىنى ئۆزىنىڭ ئادىمى قىلىۋالغان ئىكەن. بۇ خوجايىن ئۆزىگە مەرتلەرچە نۇرغۇن قىممەتلىك سوۋغا بەرگەن كىشىنىڭ ھىيلىگەر، زالىم پادىشاھ ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان بولۇپ، ئۇنى مېھمانخانىدىكى ياشلارغا تونۇشتۇرۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ پادىشاھ ئۇ ياشلارنىڭ مەخپىي يىغىنىغا قاتنىشىپتۇ. ياشلار زالىم پادىشاھنى ھاقارەت قىلىشىپتۇ، پادىشاھ ئۆزىنى ئۆزى ئۇلاردىنمۇ بەكرەك تىللاپتۇ. ياشلار بىرنى تىللىسا، پادىشاھ بەش قېتىم تىللاپتۇ. شۇنداق قىلىپ پادىشاھ ياشلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپتۇ. ئاخىرى پادىشاھ ئۇلارغا:

- دوستلار، سىلەرنىڭ پىكىرىڭلار تامامەن توغرا. ئەمما گەپنىڭ قولىدىن بىر ئىش كەلمەيدۇ. قۇرۇق گەپ بىلەن مەسىلە ھەل بولمايدۇ. ئەمەلىي بىر ئىش قىلىشىمىز كېرەك، - دەپتۇ. ياشلار:

- نېمە قىلىشىمىز كېرەك، - دەپ سوراپتۇ. پادىشاھ:

- بۇ زالىم پادىشاھنى تەختتىن چۈشۈرۈش ئۈچۈن بىر مەخپىي تەشكىلات قۇرۇشىمىز كېرەك، - دەپتۇ. ئۇ مەيدانغا جەم بولغان ياش ئىشچىلار، ئوقۇتقۇچىلار، ئوقۇغۇچىلار بۇ تەكلىپنى توغرا تېپىپتۇ ۋە پادىشاھنى تەختتىن چۈشۈرۈش ئۈچۈن بىر مەخپىي تەشكىلات قۇرۇپتۇ. زالىم پادىشاھقا ئەڭ قارشى بولغان بۇ كىشىلەر پۇقراچە كىيىنىۋالغان زالىم پادىشاھنى بۇ تەشكىلاتنىڭ باشلىقى قىلىپ سايلاپ چىقىپتۇ. شۇنداق قىلىپ زالىم پادىشاھ ئۆزىنى ئۆزى ئاغدۇرىدىغان بولۇپتۇ. پادىشاھ ياشلارغا:

- تەشكىلاتىمىز ئۈچۈن پۇل لازىم. ئالدى بىلەن بانكىلارنى بۇلايسىلەر، ئارقىدىن بايلارنى بۇلايسىلەر، - دەپتۇ.

ياشلار تەشكىلات باشلىقىنىڭ بۇيرۇقىنى ئورۇنلاشقا باشلاپتۇ. بانكىلار بۇلىنىشقا، بايلار تۇتقۇن قىلىنىپ، پۇل-ماللىرى بۇلاپ كېتىلىشكە باشلاپتۇ. پادىشاھ مەخپىي تەشكىلاتنىڭ باشلىقى بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئىچىگە ئۆزىنىڭ ئىشپىيونلىرىنى، مۇخبىرلىرىنى، ئىنسان قىياپىتىدىكى ئىتلىرىنى قوبۇل قىلىشقا باشلاپتۇ. قايسى بانكىنىڭ قاچان بۇلىنىدىغانلىقىنى، قايسى باينىڭ تۇتقۇن قىلىنىدىغانلىقىنى پادىشاھ ئالدىن بىلىدىكەن. شۇڭا ياشلار نەق مەيداندا تۇتۇلۇشقا، ھەتتا بەزىلىرى ئۆلۈشكە باشلاپتۇ.

خەلق ھاياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن بۇلاڭچىلارغا، بايلارنىڭ دۈشمىنى بۇلاڭچىلارغا قارىتا غەزەپلىنىشكە باشلاپتۇ. كىشىلەرنىڭ زالىم پادىشاھقا بولغان ئۆچمەنلىكى ئەمدىلىكتە ئىشچى، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلاردىن تەركىپ تاپقان بۇ بۇلاڭچىلارغا قارىتىلىشقا باشلاپتۇ. پادىشاھ بارلىق خەلقنىڭ نەپرىتىدىن تەلتۆكۈس قۇتۇلۇش ئۈچۈن تېخىمۇ تەسىرى كۈچلۈك بولغان باشقا يول ئىزدەپتۇ. بىر كېچىسى پادىشاھ تەشكىلات ئەزالىرىغا:

- بىز بۇ زالىم پادىشاھنى بۇنداق قىلىپ تەختتىن چۈشۈرەلمەيمىز، - دەپتۇ. دۆلىتى ۋە خەلقىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى ئۈچۈن جېنىدىن كېچىشكە رازى بولغان بۇ كىشىلەر:

- ئۇنداق بولسا قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ - دەپ سورىشىپتۇ. پادىشاھ:

- قولۇڭلاردىن نېمە كەلسە شۇنى قىلىشىڭلار، ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈشۈڭلار، تەشۋىقات ۋارىقى چىقىرىپ، تاملارغا چاپلىشىڭلار، كىتابلارنى نەشر قىلىپ تارقىتىشىڭلار، بىزگە قارشى بولغانلارنى ئۆلتۈرۈشۈڭلار كېرەك! - دەپتۇ.

تەشكىلات ئەزالىرى ئىچىدىكى ئەقىللىق كىشىلەر پادىشاھنىڭ بۇ بۇيرۇقىنىڭ بەكمۇ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، پادىشاھقا قارشى چىقماقچى بولغان بولسىمۇ، تەشكىلات ئىچىگە سوقۇنۇپ كىرىۋالغان پادىشاھنىڭ ئادەملىرىنىڭ يالغان-ياۋىداق سۆزلىرى بىلەن يېتىم قالدۇرۇلۇپتۇ. ئۆلتۈرۈش، كۆيدۈرۈش، بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشلار باشلىنىپتۇ. ئەمدىلىكتە بولسا خەلق زالىم پادىشاھنى ئۇنتۇغان بولۇپ، ھەممە كىشى دېگۈدەك بۇ بۇلاڭچى قاتىللارنى قارغاشقا باشلاپتۇ. ئەمما شۇنداق بولسىمۇ پادىشاھقا بولغان نارازىلىق تولۇق بېسىقمىغان ئىكەن.

پادىشاھ ئوردىسىدىكى ۋاقىتلىرىدا:

- دۆلىتىمىزدە قالايمىقانچىلىق چىقارغۇچىلارنىڭ باشلىرى ئېزىلىدۇ، - دەپتۇ، ئەمما يۈرۈش-تۇرۇشىنى ئۆزگەرتىپ، تەشكىلاتنىڭ باشلىقى بولغان ۋاقىتتا بولسا تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ قالايمىقانچىلىق چىقىرىشىنى تەلەپ قىلىپتۇ. ئۇ بىر كۈنى تەشكىلات ئەزالىرىغا:

- بۇرادەرلەر، بىز ئۇ زالىم پادىشاھنى ئۆلتۈرمەي تۇرۇپ قۇتۇلالمايمىز، - دەپتۇ. ياشلاردىن بىرسى:

- ئۇ بەدبەخت پادىشاھنىڭ نۇرغۇنلىغان مۇھاپىزەتچى ئەسكەرلىرى بار، ئوردىغا قانداق كىرەلەيمىز؟ - دەپتۇ. پادىشاھ:

- سىلەر ئۇ ئىشنى ماڭا قويۇپ بېرىڭلار. ئۇ زالىم پادىشاھنى ئۆلتۈرىدىغان پىدائىيلارنى يوشۇرۇنچە ئوردىغا باشلاپ كىرىشكە مانا مەن مەسئۇل، - دەپتۇ.

شۇنىڭدىن كېيىن تەشكىلات پادىشاھنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشقا باشلاپتۇ. پادىشاھ بولسا دۆلىتىدىكى ئەڭ ئۇستا ھەيكەلتىراشنى تاپتۇرۇپ كېلىپ، ئۆزىنىڭ ھەيكىلىنى خۇددى ئۆزىگە ئوخشاش قىلىپ، مومدىن ياساپ چىقىشنى بۇيرۇپتۇ. ھەيكەل خۇددى پادىشاھقا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۇ ھەيكەلگە پادىشاھنىڭ كىيىملىرىنى كەيدۈرۈپتۇ. بېشىغا ئۈچ تۇغلۇق پادىشاھنىڭ تاجىنى كىيدۈرۈپتۇ. ئىچىنى توخۇنىڭ قېنى بىلەن تولدۇرۇپ، پادىشاھنىڭ تەختىگە ئولتۇرغۇزۇپتۇ.

پادىشاھ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن كېلىدىغان تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ ئۆتىدىغان يوللىرىدىكى نۆۋەتچىلەرنىڭ ۋە يېقىن ئەتراپتىكى گۈللۈك، باغچا، مەيدانلاردىكى نۆۋەتچىلەرنىڭ ئورنىنى بوش قالدۇرۇپتۇ. ئۆزى بولسا پادىشاھنى ئۆلتۈرىدىغان مەخپىي تەشكىلات پىدائىيلىرىنىڭ باشلىقى سۈپىتىدە:

- قېنى بۇرادەرلەر، ئاشۇ زالىم، بەدبەخت پادىشاھنى ئۆلتۈرەيلى! - دەپتۇ.

بۇلار مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئوردىنىڭ ئىچىگە كىرىپتۇ. ھېچقانداق ئەسكەر بىلەنمۇ ئۇچرىشىپ قالماپتۇ، بەلكى ئۇدۇل بېرىپ پادىشاھ قەسىرىگە كىرىپتۇ. پادىشاھ تەختىدە ئولتۇرۇۋاتقان بولۇپ، پۇقراچە ياسىنىپ تەشكىلاتنىڭ باشلىقى بولۇۋالغان پادىشاھ تەختتە ئولتۇرغان مومدىن ياسالغان پادىشاھقا قاراپ: «مەلئۇن، بەدبەخت!» دېگىنىچە قىلىچىنى قېنىدىن سۇغۇرۇپ ئېلىپ، پادىشاھقا قاراپ ئېتىلىپتۇ ۋە بوينىغا بىر قىلىچ ئۇرۇش بىلەن پادىشاھنىڭ بېشىنى تېنىدىن جۇدا قىلىپتۇ. پادىشاھنىڭ كېسىلگەن بوينىدىن ئاققان قان ئەتراپقا يېيىلىشقا باشلاپتۇ. ياشلار: «قۇتۇلدۇق، قۇتۇلدۇق!» دېگىنىچە خۇشاللىقتىن ۋاقىرىشىپ، بىر-بىرىنى قۇچاقلىشىپ تەنتەنە قىلىشىپتۇ.

ياشلار مەخپىي تەشكىلاتنىڭ بۇ قەھرىمان باشلىقىنى بىكار قالغان تەختكە ئولتۇرغۇزۇپ، ئۆزلىرىگە پادىشاھ قىلىپ سايلاپتۇ. شۇنداق قىلىپ پادىشاھ ئۆزىنى ئۆزى ئۆلتۈرۈپ، ئۆزىدىن بىكار قالغان تەختتە ئۆزى ئولتۇرغان بولۇپتۇ.

شەھەرگە تارقالغان ياشلار: «بىر بەدبەخت پادىشاھتىن قۇتۇلدۇق. ئادالەتلىك دۆلەت قۇرىمىز!» دېيىشىپ، غەلىبە تەنتەنىسىدىن مەستخۇش بولغان ھالدا قىقاس-چۇقان سېلىشىپتۇ.

خەلقنىڭ دۈشمىنى دەپ ئېلان قىلىنغان پادىشاھ يېڭىدىن خەلقنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرگەن پادىشاھىغا ئايلىنىپتۇ.

 بۇ مەسەل ھەممە دۆلەتلەرنىڭ تارىخىدا دېگۈدەك بىرەر قېتىمدىن يۈز بەرگەن. تارىخىي كىتابلاردا بۇ مەسەل توغرۇلۇق شۇنداق خاتىرىلەر بار:

«بالىلار! سىز سىز بولۇڭ، ئورنىغا قويىدىغان يېڭىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلمەي تۇرۇپ كونىسىنى ئالماشتۇرىمەن دېمەڭ! بولمىسا يېڭى ھېسابلىغان نەرسىڭىز يەنىلا قىياپىتىنى ئۆزگەرتىۋالغان كونىسى بولۇپ قالىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا ھەممە نەرسە كونىسىدىنمۇ بەتتەر بولۇشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ.»

 تەييارلىغۇچى: مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

بۇ خەۋەر 1607 قېتىم كۆرۈلدى
18/04/2019 12:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق