بايراق شېئىرى

بايراق شېئىرى

 

ئارىف نىھات ئاسيا

 

ئەي كۆك ئاسمانلارنىڭ ئاق ۋە قىزىل زىننىتى،

سىڭلىمنىڭ توي كۆينىكى، شېھىدىمنىڭ ئاخىرقى يوپۇقى،

دولقۇنلىنىپ نۇرلار چاچقان بايرىقىم!

سېنىڭ داستانىڭنى ئوقۇدۇم، ئەمدى سېنىڭ داستانىڭنى يازىمەن.

 

ساڭا مېنىڭ كۆزۈم بىلەن باقمىغاننىڭ

گۆرىنى كولايمەن،

ساڭا سالام بەرمەي ئۇچقان قۇشنىڭ

ئۇۋىسىنى بۇزىمەن.

 

سەن جەۋلان قىلغان يەردە نە قورقۇش، نە غەم،

سايەڭدىن ماڭىمۇ بىر رەت ئورۇن بەر.

ئەگەر تاڭ ئاتمىسا، كۈنلەر چىقمىسا نېمە قىلىمەن،

دۆلىتىمگە ئاي يۇلتۇزنىڭ نۇرى يېتەر.

 

ئۇرۇش بىزنى قارلىق تاغقا كۆتۈرگەن كۈندە،

سېنىڭ قىزىللىقىڭدا ئىسسىندۇق.

تاغلاردىن چۆللەرگە چۈشكەن كۈندە،

سېنىڭ سايەڭدىن پاناھلاندۇق.

 

ئەي ئەمدى ھارغىن، شاماللاردا دولقۇنلانغان

تىنچلىقنىڭ ئەلچىسى، ئۇرۇشنىڭ بۈركۈتى،

يۈكسەك يەرلەردە ئېچىلغان گۈلۈم،

مەن سېنىڭ ئاستىڭدا تۇغۇلدۇم،

يەنە سېنىڭ ئاستىڭدا ئۆلىمەن.

 

سەن تارىخىم، ئىززەت-ھۆرمىتىم، شېئىرلىرىم، بارلىقىم،

يەر يۈزىدىن جاي تاللا!

سەن قەيەردە تۇرماقچى بولساڭ،

سۆزلىسەڭلا يېتەرلىك، مەن سېنى ئۇ جايغا تىكلەيمەن!

 

 ئارىف نىھات ئاسيانىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

 

ئارىف نىھات ئاسيا (Arif Nihat Asya)نىڭ ئەسلى ئىسمى مەھمەت ئارىف بولۇپ، 1904-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى ئىستانبۇلنىڭ چاتالجا ناھىيەسى ئىنجېگىز يېزىسىدا تۇغۇلغان. دادىسىنىڭ ئىسمى زىۋەر بولۇپ، ئانىسىنىڭ ئىسمى زەھرا.

ئارىف نىھات ئاسيا تېخى بوۋاق ۋاقتىدىلا دادىسى ۋابا سەۋەبلىك ۋاپات بولغان. ئانىسى بولسا ئۇ ئەمدىلا ئۈچ ياشقا كىرگەن ۋاقتىدا توي قىلىپ، پەلەستىنگە كەتكەچكە، كىچىكىدىن باشلاپلا يېتىم قېلىپ، دادىسىنىڭ ئاپىسى بېقىپ چوڭ قىلغان.

ئۇ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى يېڭى قۇرۇلغان يىللاردا تۈركىيەنىڭ داڭلىق شائىرلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان. ئۇ شېئىرلىرىدا تۈركىيە دۆلىتى ۋە خەلقىنىڭ قىممەت قاراشلىرى ۋە دىنىي ئېتىقادىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ «بايراق»، «بايراق شامالنى ساقلاپ تۇرماقتا»، «فەتىھ دۇمباقلىرى»، «گۈمبەزلەر» قاتارلىق شېئىرلىرى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بولۇپمۇ ئۇ «بايراق شېئىرى» بىلەن تۈركىيە دۆلىتى ۋە خەلقى تەرىپىدىن ئالاھىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان. ئۇ «بايراق شېئىرى»نى 1940-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى يېزىپ چىققان.

ئۇ 1950-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيەنىڭ 19-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا دېموكرات پارتىيەسىنىڭ نامزات بولۇپ، پارلامېنت ئەزاسى بولغان. 1962-يىلى دەم ئېلىشقا چىققان. 1975-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى ئەنقەرەدە ۋاپات بولغان.

 

تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

بۇ خەۋەر 847 قېتىم كۆرۈلدى
15/01/2021 14:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق