ئۆمۈر مەنزىلى
(ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر)
يەشكەندە ئادەملىك مەناسىنى مەن،
سۆڭۈكۈم تاش كەبى قېتىپ بوپتىكەن .
نە ساۋاب نە گۇناھ بىلگەن چېغىمدا،
گۇناھىم ھەقدارغا يېتىپ بوپتىكەن.
دوست بىلىپ سىرىمنى بەرسەم بىرىگە،
ئۇ مېنى ياتلارغا سېتىپ بوپتىكەن .
كۆزلىرىم كور ئىكەن كۆرگىنى قۇرسۇن،
غەپلەتتە باھارىم كېتىپ بوپتىكەن .
مەن نادان ، نادانمەن يىللار ئالدىدا،
نەچچە تاڭ مەن ئۈچۈن ئېتىپ بوپتىكەن .
ھوشۇمنى تاپقاندا يۈگۈردۈم ئەمما،
كۈن مېنى ساقلىماي پېتىپ بوپتىكەن.
گۈل نىمە؟ نە تىكەن قەدرىنى بىلمەي،
ياخشىلار مېنىڭدىن كېچىپ بوپتىكەن .
ئۇلارغا تەلمۈرۈپ قولۇم سۇنغاندا،
يەتمىدى بەك يىراق كېتىپ بوپتىكەن .
سىرلىرىم بارمىكىن دەپتىمەن ئەسلى،
سىرىمنى رەقىبلەر ئېچىپ بوپتىكەن .
مەس ئىكەن يۈرەگىم دەرت پۇشايماندىن،
قەدەھلەر تولدۇرۇپ ئىچىپ بوپتىكەن .
تىلەيمەن بىر تىلەك ھەمدۇ-ساناھدىن،
ئۇ ماڭا كۈچ قۇۋەت بەرسە بوپتىكەن .
شۇم بۇيا ،تىكەنزار بولسىمۇ ئىزىم،
سايلارغا بىر كۆچەت تىكسەم بوپتىكەن.