خىتاي كۆچمەنلىرى شەرقىي تۈركىستانغا كۈچەپ كۆچۈرۈلمەكتە

خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا مىليونلىغان خەلقنى جازا لاگېرلىرى ۋە تۈرمىلەرگە قامىغاندىن كېيىن، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن خىتاي پۇقرالىرىنى كۆپلەپ كۆچۈرۈش، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئىرقىي يوقىتىش سىياسىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ كەلدى.

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىسىدە تارقالغان بىر سىندىن مەلۇم بولۇشىچە ، بىر خىتاي ئايال شەرقىي تۈركىستاندا ئۆزىگە بېرىلگەن ئۆينىڭ ئاشخانىسى ، تاماق يېيىش ئۆيىنى ، مېھمانخانىسىنى ، ياتاق ئۆيلىرىنى ، ئۆيدىكى قىممەت باھالىق ئۆي سايمانلىرىنى، بالكوننى ھەمدە ئېسىل بېزەلگەن ئۈچ ياتاق بىر مېھمانخانىلىق ئۆينى كۆرسەتكەن. شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈپ كېلىپ يەرلەشكەنلەرگە مۇشۇنداق ھەممە نەرسىسى تولۇق ھەقسىز ئۆي ، يۇقىرى مائاش ، بەش گېكتار كېۋەز تېرىيدىغان يەر بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدە تەشۋىقات قىلىۋاتقان.

يەنە بىر قانچە سىندا خىتاي ئايال ئۆزىگە بېرىلگەن ئۆينى سىرتتىن سىنغا تارتىپ ئۆيىنىڭ قەۋەتلىك ئۆي ئىكەنلىكىنى ، قوروسىنىڭمۇ چوڭلۇقىنى ، ھازىر كۆچۈپ كەلسە ناھايىتى ياخشى بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ خىتايلارنىڭ بۇ ياخشى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تېزراق كۆچۈپ كېلىشىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى يىللاردا، ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرى ھالدا ئۆز يۇرتلىرىدىن سۈرگۈن قىلىپ ، لاگېرلارغا سولاپ ئۇلارنىڭ مال -مۈلۈك ، ئۆي ۋە يەرلىرىنى تارتىۋېلىپ، يوق قىلىۋەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئورنىغا ئىزچىل خىتايلارنى كۆچۈرۈپ كېلىپ يەرلەشتۈرمەكتە ھەمدە بۇ خىلدىكى تەشۋىقاتلىرىنى توختىماي كۈچەيتمەكتە.

https://www.facebook.com/100034398679054/videos/pcb.361443418345611/361441111679175/
بۇ خەۋەر 3320 قېتىم كۆرۈلدى
28/09/2020 17:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق