گېرمانىيەدە يەنە بىر خىتاي جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەندى

خىتاي بىلەن گېرمانىيە ئارىسىدا جاسۇسلۇق كىرىزىسى يۈز بەرگەن بولۇپ، گېرمانىيە ئوڭچىل سىياسىي پارتىيە ئەزاسىنىڭ بىر خىتاي ياردەمچىسى خىتاي رېجىمى ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىندى.

BBC نىڭ 25-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، گېرمانىيە ساقچىلىرى خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئوڭچىل پارتىيە ئەزاسى، ياۋروپا پارلامېنت ئەزاسى نامزاتى ماكسىمىليام كىراھنىڭ بىر خىتاي ياردەمچىسىنى قولغا ئالغان. بۇ گېرمانىيە ساقچىلىرى يېقىندا خىتاينى ھەربىي ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىدى، دەپ گۇمان قىلغان ئۈچ گېرمانىيە پۇقراسىنى قولغا ئالغاندىن كېيىنكى يېڭى بىر جاسۇسلۇق دېلوسى ھېسابلىنىدىكەن.

گېرمانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، قولغا ئېلىنغان 43 ياشلىق خىتاينىڭ ئىسمى جيەن گو ئىكەن. تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، جيەن گو ياۋروپا پارلامېنتى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى خىتاي جاسۇسلۇق ئورگانلىرىغا ئاشكارىلاش ۋە گېرمانىيەدىكى خىتاي ئۆكتىچىلەر ھەققىدە جاسۇسلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن.

گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەنسى فېيسېر بۇنىڭ ئىنتايىن ئېغىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ: «ئەگەر بىرەيلەننىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدا جاسۇسلۇق قىلىۋاتقانلىقى جەزملەشتۈرۈلسە، بۇ ياۋروپا دېموكراتىيەسىگە ئىچىدىن قىلىنغان ھۇجۇم بولىدۇ» دېگەن. گېرمانىيە ئەدلىيە مىنىستىرى ماركو بۇشمانمۇ ئەگەر بۇ ئەيىبلەشلەر راست بولۇپ چىقسا، ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن بولسا قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا جاسۇسلۇق دېلوسى توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، بۇ ۋەقەنى خىتايغا تۆھمەت قىلىش ۋە باستۇرۇش، دەپ جار سالدى. ئۇ يېقىنقى يىللاردا ھەر قېتىم خىتاي بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدا يۇقىرى قاتلاملىق ئۇچرىشىش بولغاندىن كېيىنلا، يېڭى بىر قېتىملىق تەشۋىقات ھەرىكىتى پەيدا بولىدىغانلىقىنى، گېرمانىيەنى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى پىسخىكىسىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بىلجىرلىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1514 قېتىم كۆرۈلدى
26/04/2024 17:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق