ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار يەرمەنكە بازىرى داۋام قىلماقتا

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار يەرمەنكە بازىرى داۋام قىلماقتا

يەرمەنكە بازىرىنى سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى ئاياللار بۆلۈمى ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتى خانىم-قىزلار گۇرۇپپىسى تەشللىگەن بولۇپ، بازار قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات ۋەقفىدە باشلانغان.  يەرمەنكە ھازىرغىچە 20 قېتىم ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ قېتىمقى يەرمەنكە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىغا يېڭىچە تۈس بېرىش، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىشىگە پۇرسەت يارىتىش، ئۇيغۇر مىللىي ئەنئەنىسىنى ساقلاپ قېلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىدە ئېچىلدى. يەرمەنكىگە تۆگە يۇڭ بەللىك، تىزلىق، ئىشتان ھەمدە ئۆي ئىچى يۇمشاق ساپما كەش،ھەرخىل ئېسىل داستىخان،كۈزلۈك ياغلىق ۋە يېپىنجا، ھۆل زەنجىۋىل، سامساق، خورما، ياڭاق، ھەسەل، قۇرۇت قاتارلىق يېڭىلىق ماللار ھەمدە ھەرخىل يوتقان قاپلىرى كىرلىك، زىبۇ-زىننەت، ئەتلەس ،بالىلار ئويۇنچۇقلىرى،كۈز ۋە قىشلىق چوڭلار ۋە بالىلار ئىچ كىيىملىرى، ئابايى، ئاياغ ، سومكىلار، مەيسە، خورۇم پايپاق، ساپما كەش، كۆڭلەكلەر، خانىملار ئىچ كىيىملىرى، ئاچچىق-چۈچۈك قاتارلىقلار سېلىندۇ.

يەرمەنكىدە يەنە،  تومۇر تۇتۇپ كېسەل كۆرۈلىدۇ.  يىمەكلىكلەردىن قېرىنداشلىرىمىز ئۆز قولىدا قىلغان پىچىنە- پىرەنىك، ھەرخىل تورت، توخۇ پاچىقى، چاي تۇخۇم، راڭپىزا قاتارلىقلار بار.

بۇ قېتىمقى سودا-بازىرىمىزغىمۇ  پەسىلگە ماسلاشتۇرۇپ ھەرخىل مەھسۇلاتلار بازارغا كىرىدۇ. شۇڭا قېرىنداشلارنىڭ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئۇيغۇر ئاياللار يەرمەنكە بازرىغا قەدەم تەشرىپ قىلىشىڭلارنى قىزغىن قارشى ئالىمىز .

گۈزەل ھەمشىرەم بۇ مېھرى ئىسسىق  بازار مەدەنىيىدىن ھوزۇرلۇنۇڭ ! ئېھتىياجىڭىزنى قاندۇرۇڭ !ئۆزىڭىزمۇ مەنپەئەتلنىڭ ھەم ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشاۋاتقان خانىملىرىمىزنى مەنپەئەتلەندۈرۈڭ !قوللاڭ قۇۋۋەتلەڭ !!!

ئورنى : كامالپاشا مەھەللىسى بىگا كوچىسى 27-نومۇر  ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخفى بىرىنجى قەۋەت.

ۋاقتى :2019-11-2   كۈنى شەنبە سائەت 10:00دىن 7:00گىچە

ئالاقە نومۇرى: 05373363391

بۇ خەۋەر 2053 قېتىم كۆرۈلدى
31/10/2019 17:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق