خىتاي ئەلچىخانا خادىمىدىن سەۋىيەسىز بايانات

خىتاي ئەلچىخانا خادىمىدىن سەۋىيەسىز بايانات
تۈركىيەدە خىتايغا يېقىنلىقى بىلەن بىلىنگەن ئۇلۇسال قانال ئېلان قىلغان خەۋەرگە كۆرە، خىتاينىڭ ئەنقەرە ئەلچىخانىسى مەسلىھەتچىسى چېڭ ۋېيخۇا ئەنقەرەدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ئاخىرقى كۈنلەردە جىددى كۈنتەرتىپتە بولۇۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە خىتاي رېجىمىنىڭ ئادىتى بويىچە دەل 50 مىنۇتقا يېقىن سەپسەتە ساتتى.
چېڭ ۋېيخۇانىڭ كەڭ تۈرك خەلقىنى ئالداش ئۈچۈن بۇزۇق تۈركچىسى بىلەن ئېلىپ بارغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ۋە يىغىندىكى سەۋىيەسىز سۆزلىرى خىتاي كۈتكەن مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىدى.
ئىجتىمائى ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا مەزكۇر خىتاينىڭ سەپسەتىلىرىنى مات قىلىدىغان نۇرغۇن ئىنكاسلار يېزىلدى.
شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەنقەرەدىكى تونۇلغان ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرى بولغان ئەنقەر ھاجى بايرام ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتىنى تىلغا ئالغاندا ئۇنى مەنسىتمىگەندەك، ھاجى بايرام ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتى دەيدىغان بىر مەكتەپ بارمىش ... دېگەندەك ئىپادىسى، شۇنداقلا بۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولغان پروفېسسور دوكتور ئابدۇررەشىد جەلىل قارلۇق ئەپەندىمنىڭ ئائىلىسى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىپ تىۋتتىردا ئېلان قىلغان ئۇچۇرى ھەققىدە بەرگەن سەۋىيەسىز جاۋابلىرى ۋە ئامېرىكىدا يېقىندا ماقۇللانغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھىسى ھەققىدە قىلغان تۇترۇقسىز سۆزلىرى ۋە جازا لاگېرلىرى ھەققىدە ئوچۇق يالغانچىلىق بىلەن بۇ كەسپىي مەكتەپلەر قەتئىي شەكىلدە مەلۇم بىر مىللەت ياكى مەلۇم دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارغا قارىتىلغان ئەمەس، بەلكى تېرورچىلارغا ۋە ئەسەبىي ئىدىيە بىلەن زەھەرلەنگەنلەرگە قارىتىلغان دېگەندەك ھەقىقەتنى بۇرمىلىغان سۆزلىرى قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىدى ۋە ئۇنىڭ سۆزلىرىگە كۆپلەپ رەددىيە ئىنكاسلىرى يېزىلدى.
شۇنداقلا ئۇنىڭ بۇ كەسپىي مەكتەپلەرنى ياتاقلىق مەكتەپلەردەكلا ئويلىساڭلار بولىدۇ، ھەپتە ئاخىرىدا قايتالايدۇ دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىپ، لاگېردىكى نۇرغۇن داڭلىق پروفېسسورلار، ئوقۇتقۇچىلار، سەنئەتچىلەر، چوڭ بايۋەتچى تىجارەتچىلەر قاتارلىقلارغا قانداق كەسىپى ماھارەت ئۆگىتىۋاتقانلىقى ھەققىدە سۆز قىلمىغانلىقىمۇ ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى.
ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا يەنە تولىمۇ سەۋىيەسىز ھالدا خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئاقلاشقا تىرىشىپ، پروفېسسور ئابدۇررەشىدە جەلىل قارلۇقنىڭ ئائىلىسى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەنلىكىنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ، ئەگەر بىز ئۇيغۇرلارغا شۇنداق قىلغان بولساق، ئۇنىڭ ۋەتەندىكى تۆت قېرىندىشىنى قوشساق ئۇلار بەش پەرزەنت ئىكەن، بۇلار نەدىن كەلدى؟ دېگەن شەكىلدە ئىپادە بىلدۈردى.
ئابدۇررەشىد قارلۇق خىتاينىڭ بۇ سەۋىيەسىزلىكىگە دەرھال رەددىيە قايتۇرۇپ، ئۇنىڭ بۇ دەرىجىدە سەۋىيەسىزلەرچە ئىپادىدە بولغانلىقىنى ۋە بۇ خاتالىقى سەۋەبى بىلەن ۋەزىپىسىدىنمۇ ئېلىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئەسلەتكەن ھالدا، ۋەتەندىكى ئىز – دېرىكى بولمىغان تۆت قېرىندىشىنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتىنىڭ خىتاي يولغا قويغان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدىن بۇرۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ دەككىسىنى بەردى ۋە ئەگەر خالىسا تۈركىيەدىكى ھەرقانداق قانالدا نەق مەيدان پروگراممىسىدا ئۇ باياناتىدا سۆزلىگەن سەپسەتىلەر ھەققىدە ئوچۇق سۆھبەت قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنى مەيدانغا تەكلىپ قىلدى.

بۇ خەۋەر 37247 قېتىم كۆرۈلدى
09/12/2019 16:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق