خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇشقا زور مەبلەغ سالماقتا

خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇشقا زور مەبلەغ سالماقتا
28-سېنتەبىر ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە تارقالغان سىندا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت رەزىل پىلانىغا ئاساسەن شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈپ ئولتۇراقلاشقان خىتايلارغا تولۇق جابدۇلغان بىر يۈرۈش ئۆي بەرگەنلىكى ئاشكارىلانغان.
مەزكۇر سىندا ليۇ فامىلىلىك بىر خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ خىتاي ئۆلكىسىدىن شەرقىي تۈركستانغا كۆچۈپ كەلگىنىگە سەككىز كۈن بولغانلىقىنى ۋە سەككىزىنچى كۈنى يېڭى ئۆي سەرەمجانلىرى بىلەن تولۇق جابدۇلغان بىر يۈرۈش ئۆينى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى، ئۆينىڭ ئىككى ياتاق، بىر مېھانخانا ۋە ئاشخانسى بار ئىكەنلىكىنى، ھەتتا گاز تۇڭى، دوخۇپكىدىن تارتىپ تەييارلانغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىدە 70 يىلدىن بېرى شەرقىي تۈركىستانغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتايلارنى ئارىغا ئالماسلىق، ئۇلارنى چەتكە قېقىش ياكى ئەمەلىي قارشىلىق قىلىشى نەتىجىسدە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ بۇ رەزىل پىلانى خىتاينىڭ كۆزلىگىنىدەك بولماي كەلگەن ئىدى. يېقىنقى نەچچە يىلدىن بېرى خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىچىدىكى قارشىلىق كۆرسىتىش ئېھتىماللىقى بار بولغان بارلىق كىشىلەرنى، جۈملىدىن ياشلارنىڭ ھەممىسىنى قويماي جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە قامىغان. نەتىجىدە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىدە خىتاي سىياسىتىگە قارشى تۇرىدىغان كىشىلەر بولمىغانلىقتىن، شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى توسالغۇسىز يۈرگۈزۈشكە باشلىغان.

بۇ خەۋەر 1153 قېتىم كۆرۈلدى
28/09/2019 18:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق