خىتاي خاككېرلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلدىكى تېلېگراف ئۇچۇرلىرىغا ھۇجۇم قىلغان

خىتاي خاككېرلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلدىكى تېلېگراف ئۇچۇرلىرىغا ھۇجۇم قىلغان

 

رويتېر ئاگېنتلىقىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان خاككېرلار گۇرۇپپىسى ئاسىيادىكى تېلېگراف سىستېمىسى تورلىرىغا بۆسۈپ كىرىپ، مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئىگىلىگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ بۇ خاككېرلىق ھەرىكەتلىرى چەتئەلدىكى دېپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى ۋە ھەربىي قوماندانلىرىغا ئوخشاش مۇھىم شەخسلەرگە قارىتىلغان جاسۇسلۇق قىلمىشلىرىنىڭ بىر قىسمى بولسىمۇ، ئەمما ئاساسلىق نىشانى يەنىلا چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئىكەن.
مەزكۇر خەۋەرنى ئىككى ئىستىخبارات ئىدارىسى ئەمەلدارى ۋە ئىككى بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسى ئاشكارىلىغان بولۇپ، خىتاي خاككېرلىرى تۈركىيە، قازاقىستان، مالايشىيا، ھىندىستان ۋە تايلاند قاتارلىق ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەرنىڭ تېلېگراف سىستېمىسىغا ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارغا قارىتا تور ھۇجۇمى قوزغىغانلىقىنى ئىنكار قىلغان.
بۇندىن بىر ھەپتە بۇرۇن خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يانفونلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، مۇھىم ئۇچۇرلىرىنى ئوغرىلىغانلىقى ھەرقايسى خەلقئارالىق تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان ئىدى.

بۇ خەۋەر 817 قېتىم كۆرۈلدى
06/09/2019 15:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق