خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۇچۇر ياردەمچى قىسمى قۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى

خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۇچۇر ياردەمچى قىسمى قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشىسىنى قوزغىغان.
خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئارمىيەسى ئالدىنقى ھەپتە ئۇچۇر ياردەمچى قىسمى قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، يىغىندا ئاخبارات باياناتچىسى ۋۇ چيەن ئۇچۇر ياردەمچى قىسىمى قۇرۇشقا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى تونۇشتۇرغان ھەمدە بۇ ھەقتە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن.

ۋۇ چيەن تونۇشتۇرۇشتا، ئۇچۇر ياردەمچى قىسمى يېڭىدىن قۇرۇلغان ئىستراتېگىيەلىك ئارمىيە تۈرى ئىكەنلىكىنى، تور ئۇچۇر سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ قوللىنىشتىكى ئاچقۇچلۇق تىرەك ئىكەنلىكىنى، ئۇچۇر ياردەمچى قىسىمنى تەڭشەپ تەشكىللەپ قۇرۇش خىتاي ئارمىيەسىنى كۈچلەندۈرۈشنى چىقىش قىلىپ چىقارغان زور تەدبىر ئىكەنلىكىنى، خىتاي مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە بۇ قېتىمقى ئىسلاھاتتىن كېيىن، خىتاي ئارمىيەسى قوماندانلىقىدىكى قۇرۇقلۇق ئارمىيە، دېڭىز ئارمىيەسى، ھاۋا ئارمىيەسى، راكېتا ئارمىيەسى قاتارلىق ئارمىيە تۈرلىرى، ھەربىي ئالەم قاتنىشى قىسمى، تور بوشلۇقى قىسمى، ئۇچۇر ياردەمچى قىسىمى، بىرلەشمە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش قىسمى قاتارلىق ئارمىيە تۈرلىرىنىڭ يېڭىچە تۈر قۇرۇلمىسى ئومۇمىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ مەزكۇر ئۇچۇر ياردەمچى قىسمى ئەسلىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ياردەمچى قىسمىنىڭ ئورنىنى ئالغان بولۇپ، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ يېقىنقى يىللاردا كۆپ قېتىم تەشكىلى قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشى دىققەت قوزغىغان. بىر قىسىم ئانالىزچىلار بۇنىڭ پىسخىكىلىق ئۇرۇشنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە سولاپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، يەنە ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەردىن زېمىن تەلەپ قىلىش، قورقۇتۇش، مەجبۇرلاش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن رايوندا بىخەتەرلىك ئەندىشىسى پەيدا قىلىپ، رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى قالايمىقان قىلماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1265 قېتىم كۆرۈلدى
25/04/2024 12:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق