خىتاي خادىملىرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا مىسىرغا بېرىپ ئۇيغۇرلارنى تەكشۈرگەنلىكى ئاشكارىلاندى

خىتاي خادىملىرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا مىسىرغا بېرىپ ئۇيغۇرلارنى تەكشۈرگەنلىكى ئاشكارىلاندى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسى تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي خادىملىرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا مىسىر ساقچىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، مىسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرگەنلىكى ئاشكارىلانغان.
زىيارەتنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ياش ئۆزىنىڭ 2017-يىلى مىسىر ساقچىلىرى تەرىپىدىن سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى، ئۈچ خىتاي خادىمنىڭ خىتاي تىلىدا ئۇنى سوراق قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەينى ۋاقىتتا مىسىردا ئوقۇۋاتقان مەزكۇر ياش كۈندۈزدىلا تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، قوللىرىغا كويزا سېلىنىپ. بېشىغا خالتا كىيدۈرۈلۈپ ساقچىخانىغا ئاپىرىلغان. ئۇ ساقچىخانىدا ئۈچ خىتاي خادىمنى كۆرۈپ ھەيران قالغان. خىتاي خادىملار ئۇنىڭ مىسىردا نېمە ئىش قىلىدىغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى سورىغان. مىسىر ساقچىلىرى خىتاي خادىملىرىنىڭ ئۇنى تېررورچى دەپ كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
سوراقتىن كىيىن مەزكۇر ياش مىسىردا سېسىق نامى پۇر كەتكەن تۇرا تۈرمىسىگە ئاپىرىۋېتىلگەن. ئۇ ئىككى ئايدىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن بولۇپ، تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن تۈركىيەگە كېلىۋالغان.
يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان خىتاي بىلەن مىسىرنىڭ سودا ئالاقىسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيگەن بولۇپ، 2018-يىلىدىكى سودا سوممىسى 13.8 مىليارد دوللارغا يەتكەن. خىتايدىن كەلگەن پايدا-مەنپەئەت ئارقىسىدا مىسىر ھۆكۈمىتى خىتاي ئەمەلدارلىرىنى خۇددى ئۆز دۆلىتىدىكىدەك تەكشۈرۈپ، سوراق قىلىشقا يول قويغان.

بۇ خەۋەر 854 قېتىم كۆرۈلدى
20/08/2019 15:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق