فىنلاندىيەدە شەرقىي تۈركىستان داۋاسى مۇھاكىمە يىغىنى

فىنلاندىيەدە شەرقىي تۈركىستان داۋاسى مۇھاكىمە يىغىنى

-23نويابىر ش ت ت ب رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ يېتەكچىلىكىدىكى ھەيئەت فىنلاندىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيەت ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە شەرقىي تۈركىستان داۋاسىدىكى قىينچىلىقلارنى قانداق ھەل قىلىش ھەققىدە ھۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى.

ياۋرۇپادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان يېتەكچىلىكىدىكى ھەيئەت فىنلاندىيە شەرقىي تۈركسىتان جەمئىيەت ئىدارە ھەيئەت ئەزالىرى، فىنلاندىيە دە ياشاۋتقان ئۇيغۇر جامائىتى ئىچىدىكى يۇرت ئاقساقاللىرى ھەم پىشقەدەملىرىنى زىيارەت قىلدى.

ش ت ت ب ھەيئىتى فىنلاندىيە شەرقىي تۈركسىتان جەمئىيەت ھەيئەتلىرى، فىنلاندىيەدىكى ئۇيغۇر ئاقساقاللىرى ۋە جەمئىيەت ئەربابلىرى بىلەن بىر يەگە جەم بولدى. ئەركىن پىكىر قىلىش ئوسۇلى بىلەن شەرقى تۈركىستان دەۋاسىنىڭ كەلگۈسى، خەلقئارادا شەرقى تۈركىستان داۋاسى دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارنى قانداق ئۇسۇلدا ھەل قىلىش تەدبىرلىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى.

بۇ خەۋەر 37988 قېتىم كۆرۈلدى
25/11/2019 14:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق