ئامېرىكا باش ئەلچىسى ئىسلام ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ھەققىدە سۈكۈتتە تۇرۇۋالغانلىقىنى ئەيىبلىدى

ئامېرىكا باش ئەلچىسى ئىسلام ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ھەققىدە سۈكۈتتە تۇرۇۋالغانلىقىنى ئەيىبلىدى

گاردىيان تورىنىڭ تۈنۈگۈن يوللىغان دوكلاتىغا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك باش ئەلچىسى سام بىروۋنبەك ئىسلام دۇنياسىدىكى ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ھەققىدە سۈكۈتتە تۇرۇۋالغانلىقىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
دوكلاتتا ئامېرىكىنىڭ ئىسلام دۇنياسىدىكى يېقىن ئىتتىپاقداشلىرىدىن ھېسابلىنىدىغان سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە مىسىر ھۆكۈمەتلىرىنىڭمۇ ھازىرغىچە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ھەققىدە سۈكۈتتە تۇرۇۋالغانلىقى، ھەتتا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇ يىل 3-ئايدا ماقۇللىغان قارارنامىسىدە خىتاينى «مۇسۇلمان پۇقرالىرىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ» دەپ ماختىغانلىقى، سەئۇدى ۋەلىئەھدىسى مۇھەممەد بىن سالماننىڭمۇ خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنى «تېررورلۇققا ۋە رادىكاللىققا قارشى تۇرۇشتىكى توغرا تەدبىر» دەپ خىتاينىڭ تەرىپىنى ئالغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
سام بىروۋنبەك بۇ مەسىلىدە تۈركىيەنىڭ دادىللىق بىلەن خىتاينى ئەيىبلىگەنلىكىنى ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭمۇ ئاكتىپ ئاۋاز قوشقانلىقىنى ماختىغان ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇۋالغانلىقىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «ئەگەر خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرى ۋاقتىدا توسۇلمىسا، ئۇلارنىڭ بۇ خىل باشقۇرۇش سىستېمىسى باشقا دۆلەتلەرگىمۇ كېڭىيىشى مۇمكىن. ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدە سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشىنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى ئۇلارنىڭ ئۆز دۆلىتىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭمۇ تەڭلا تەنقىدكە ئۇچراپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكىدىن بولغان».
ئەمما سام بىروۋنبەك ئۆزىنىڭ يەنىلا ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى، تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنىڭ ئاشكارىلىنىشغا ئەگىشىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى خەلقلەرنىڭ ھۆكۈمەتكە بېسىم چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 11468 قېتىم كۆرۈلدى
12/06/2019 14:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق