ئەردوغان بىلەن تىرامپ ئاقسارايدا قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

ئەردوغان بىلەن تىرامپ ئاقسارايدا قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىب ئەردوغان بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ ئاقسارايدا قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن.
خەۋەردە ئەردوغاننىڭ ئامېرىكىدىكى زىيارىتى جەريانىدا تىرامپ بىلەن ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلاردا بولغاندىن كېيىن، تىرامپ بىلەن بىرلىكتە قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ئەردوغان باياناتىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «29-ئۆكتەبىر ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ئاتالمىش <ئەرمەنى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى> ھەققىدە قارار چىقىرىلىشى تۈركىيە خەلقىنى قاتتىق رەنجىتتى. تۈركىيەنىڭ قەددى رۇس، يۈزى يورۇق، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى تولۇقتۇر. ئەرمىنىيە تەرەپكە بۇ مەسىلىنى ئورتاق تارىخ تەتقىقات كومىتېتىنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق تەتقىق قىلىپ، ئېنىقلاپ چىقىش توغرۇلۇق سۇنغان تەكلىپىمىز ھازىرمۇ كۈچكە ئىگە. بۇنىڭدىن 104 يىل ئىلگىرى ئۇرۇش شارائىتلىرىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ھەققىدە قارار چىقىرىش سىياسەتچىلەرنىڭ ئەمەس، ئەكسىچە تارىخچىلارنىڭ ئىشىدۇر. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، سۇرىيە كىرىزىسىنى ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمگە تولۇق رىئايە قىلىپ كېلىۋاتىمىز. دەرۋەقە، ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەقتە رايوندىكى ئەڭ ئىشەنچىلىك شېرىكى تۈركىيە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. پىرېزىدېنت تىرامپ بىلەن تۈركىيەنىڭ مىللىي بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەشتە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم، تىرامپقا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى مەۋجۇتلۇقىغا خاتىمە بېرىش تەلىپىمىنى تەكرارلىدىم. مۇناسىپ تەكلىپ سۇنۇلغان تەقدىردە، ئامېرىكىدىن <ۋەتەنپەرۋەر> ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىۋېلالىشىمىز مۇمكىن. تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان دېپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىدە ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان ئىتتىپاقداشلىق روھىغا ئۇيغۇن ھالدا يېڭى بىر سەھىپە ئېچىش ئىرادىسى قەتئىي».
ترامپ باياناتىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «زىيارەت مۇناسىۋىتى بىلەن پىرېزىدېنت ئەردوغانغا رەھمەت ئېيتىمەن. ئۇچرىشىشتا سۇرىيە كىرىزىسى، تۈركىيە رۇسىيەدىن سېتىۋالغان <400 – س> باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا كۆلىمىنى 100 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش قاتارلىق ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرىلەشتۇق ۋە ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش يولىدا ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتىمىز. تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائىشقا قارشى كۈرەشتە بىز بىلەن ھەمكارلاشقانلىقى ئۈچۈن پىرېزىدېنت ئەردوغانغا رەھمەت ئېيتىمەن. تۈركىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بىر كۈچ».

بۇ خەۋەر 518 قېتىم كۆرۈلدى
14/11/2019 14:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق