ياۋروپا پارلامېنتى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش نىزامىنى تەستىقلىدى

ياۋروپا پارلامېنتى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش ھەققىدىكى نىزامنامىنى زور كۆپ سانلىق ئاۋازنىڭ قوللىشى بىلەن تەستىقلىدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپا پارلامېنتى 23-ئاپرېل ئاۋازغا قويۇپ، مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پايدىلىنىپ ياسالغان تاۋارلارنى ياۋروپا ئىتتىپاقى بازىرىدا سېتىش، ئىمپورت-ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەش نىزامىنى تەستىقلىغان.

مەزكۇر نىزام 555 ئەزانىڭ قوللىشى، 6 ئەزانىڭ قارشى تۇرۇشى، 45 ئەزانىڭ ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشى بىلەن ماقۇللانغان. نىزامنامە ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ ئاخىرقى تەستىقىدىن ئۆتكەندە ئاندىن رەسمىي ئېلان قىلىنىدىغان بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بۇ نىزامنامىنى ئىجرا قىلىشنى چوقۇم ئۈچ يىلغىچە باشلىشى ئىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەت ئورگانلىرى ۋە ياۋروپا كومىتېتى گۇمانلىق تاۋارلار، تەمىنلەش زەنجىرى ۋە ئىشلەپچىقارغۇچىلارنى تەكشۈرەلەيدىكەن. ئەگەر مەھسۇلات مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان دەپ قارالسا، ئۇنى ياۋروپا ئىتتىپاقى بازىرىدا (تور سودىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) سېتىشقا رۇخسەت قىلىنمايدىكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قارارنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان پارلامېنت ئەزالىرى ماقۇللىغان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئامېرىكا 2021-يىلى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش» قانۇنىنى ماقۇللاپ، ئامېرىكا بازىرىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسانىي ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ تەسىرىدىن قوغداشقا تىرىشقان.

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈش خەلقئارالىق تەشكىلاتلار، ھەمكارلىق ئورگانلىرى ۋە پاش قىلغۇچىلاردىن ئېرىشكەن دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ 

بۇ خەۋەر 1439 قېتىم كۆرۈلدى
25/04/2024 12:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق