جازا لاگېرلىرىنىڭ ئورنى ھەققىدە يېڭى ئۇچۇرلار ئاشكارىلاندى

جازا لاگېرلىرىنىڭ ئورنى ھەققىدە يېڭى ئۇچۇرلار ئاشكارىلاندى
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ ئورنى ھەققىدە يېڭى ئۇچۇرلار ۋە دەلىل-ئىسپاتلار توپلانغان.
ۋاشىنگتونغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتى 500گە يېقىن جازا لاگېرىنىڭ ئورۇن ئۇچۇرىنىڭ خاتىرىلەنگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئىچىدە تۈرمىگە ئوخشايدىغان 209 ئورۇننىڭ ۋە ئەمگەك لاگېرىغا ئوخشايدىغان 74 ئورۇننىڭ گۇگېل خەرىتىسى ئارقىلىق يېڭىدىن بايقىلىپ چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن.
شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتىنىڭ مەسئۇلى كايل ئولبېرت (Kyle Olbert) بۇ ئورۇنلارنىڭ يېڭىدىن ئېنىقلىنىپ چىقىلغانلىقىنى، بۇنىڭغا ئاساسەن جازا لاگېرىغا قامالغانلارنىڭ تاراتقۇلاردا ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان بىر مىليوندىنمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا بايقالمىغان تېخىمۇ كۆپ ئورۇنلارنىڭ بارلىقىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.
گەرچە چەتئەلدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر شەرقىي تۈركىستاندا جازا لاگېرىغا قالمالغانلارنى بەش مىليوندىن ئارتۇق دەپ مۆلچەرلىگەن بولسىمۇ، ئەمما چەكلىك دەلىل-ئىسپاتلار نەتىجىسىدە خەلقئارادىكى تاراتقۇلاردا قامالغانلارنىڭ سانى بىر مىليون دەپ ئېلىنىپ كەلگەن ئىدى.

بۇ خەۋەر 1250 قېتىم كۆرۈلدى
13/11/2019 16:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق