خىتاي يادرو قوراللىرىنى چەكلەش مۇزاكىرىلىرىگە قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

خىتاي يادرو قوراللىرىنى چەكلەش مۇزاكىرىلىرىگە قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

8-نويابىر دوۋېي خەۋەرلىرى تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى قورال تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى فۇ سوڭ رۇسىيەدە ئېچىلغان يىغىندا سۆز قىلىپ، يادرو قورال كۆلىمىنى ئازايتىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى، بىراق ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى يادرو قوراللىرىنى چەكلەش مۇزاكىرىلىرىگە قاتنىشىشنى ئويلاشمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
فۇسۇڭ سۆزىدە رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ئىگە بولغان يادرو قوراللىرىنى ئازايتىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى، بۇ قوراللارنىڭ ھەتتا يادرو قوراللىرىغا ئىگە باشقا دۆلەتلەرنىڭ يىغىندىسىدىنمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى، بۇ سەۋەبلىك ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنى قوراللىرىنى ئازايتىش توغرىسىدىكى ئۇچرىشىشلارنى داۋاملاشتۇرۇشقا چاقىرىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
فۇسۇڭ سۆزىدە يەنە ئەگەر باشقا دۆلەتلەر يادرو قوراللىرىنى خىتاي ئىگە بولغان مىقدارغا چۈشۈرگەن تەقدىردە خىتاينىڭمۇ يادرو قورالىنى ئازايتىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى، ئەمما خىتاي ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى يادرو قوراللىرىنى چەكلەش مۇزاكىرىلىرىگە قاتنىشىشنى ئويلاشمىغانلىقىنى، خىتاينىمۇ بۇنىڭغا قاتنىشىشقا زورلاشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى، بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ئاساسىي مەقسەتتىن يىراقلاشتۇرىدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ خىتاينى مۇزاكىرىگە قاتنىشىشىقا زورلىشى بولسا، ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ مۇھىم خەلقئارالىق كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىقىشى ئۈچۈن باھانە ئىزدەۋاتقانلىقىنىڭ بىر بېشارىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 477 قېتىم كۆرۈلدى
09/11/2019 12:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق