خىتاي بۇ يىلمۇ تور ئەركىنلىكى ئەڭ ناچار دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى

خىتاي بۇ يىلمۇ تور ئەركىنلىكى ئەڭ ناچار دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى
ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، باش ئىشتابى نيۇيوركقا جايلاشقان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى «ئەركىنلىك ئۆيى» (Freedom House) 5-نويابىر تور ئەركىنلىكى يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلغان. خىتاي بۇ يىلمۇ كۇبا، سۇرىيە ۋە ئىراننىڭ كەينىگىلا تىزىلىپ، تور ئەركىنلىكى ئەڭ ناچار دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.
تور ئالاقىسى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ تېز سۈرئەتتە جانلىنىشىغا ئەگىشىپ، خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيان ماس قەدەمدە تور ساھەسىنى كونترول قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتكەن. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئۇچۇرلارنى كونترول قىلىش، تەكشۈرۈش ھەرىكەتلىرى تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىگە يەتكەن. بۇ يىلدىكى تور ئەركىنلىكى ۋەزىيىتى بۇرۇنقىدىن تېخىمۇ ناچارلاشقان.
دوكلاتتا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ زور تۈركۈمدىكى ھېساباتلارنى ۋە مەزمۇنلارنى يۇيۇپ تۇرىدىغانلىقى، ئۈندىدارغا ئوخشاش ئىجتىمائىي ئالاقە، سودا، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق بارلىق ساھەلەرگە باغلىنىپ قالغان ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى چەكلىگەندە، پۇقرالارنىڭ نورمال ھايات كەچۈرۈشىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرايدىغانلىقى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن. خەۋەردە يەنە مەلۇم ئۇيغۇر كىشىنىڭ ئالاقە خاتىرىسىدىكى بىر تونۇشى مەككىگە بارغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ نەچچە كۈن سوراققا تارتىلغانلىقى مىسال قىلىپ ئۆتۈلگەن.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل پۈتۈن دۇنيادىكى تور ئەركىنلىكى ئومۇمىيۈزلۈك ناچارلاشقان بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىغا قارىتا باشقۇرۇشنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە كۈچەيتكەن.

بۇ خەۋەر 639 قېتىم كۆرۈلدى
06/11/2019 14:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق