ئامېرىكا ئەقىل ئامبىرى: ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە تەيۋەن خىتاينىڭ تەھدىتىگە قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك

ئامېرىكا ئەقىل ئامبىرى: ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە تەيۋەن خىتاينىڭ تەھدىتىگە قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك
ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ھەربىي پائالىيەتلىرىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا تەھدىت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە تەيۋەننىڭ بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
1-ئۆكتەبىر بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي پاراتتا خىتاينىڭ نۇرغۇنلىغان ئىلغار قوراللىرى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بىر قىسىم دۆلەتلەر خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىدىن ئەندىشە قىلىشقا باشلىغان.
2017-يىلى ئېلان قىلىنغان ئامېرىكا «دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسى»دە خىتاي تۇنجى قېتىم ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك رىقابەتچىسى دەپ كۆرسىتىلگەن. ئامېرىكا ئەقىل ئامبىرىنىڭ ئىككى يىللىق تەتقىقاتى ۋە باھالىشى ئارقىلىق 3-ئۆكتەبىر ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا خىتاينىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە تەيۋەننىڭ بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەنگەن.
ئامېرىكا-تەيۋەن سودا بىرلەشمىسى رەئىسى خەن رۇبو بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشىنى پەقەت تاموژنا بېجى نۇقتىسىدىنلا چۈشىنىشكە بولمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئەقلىي مۈلۈك، كەلگۈسى پەن-تېخنىكا قاتارلىق مەسىلىلەرگە چېتىلىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ مەقسىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ياپونىيە خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات مەركىزى تەتقىقاتچىسى تېتسو كوتانى ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە تەيۋەن ئارىسىدا بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى، ئەمما ياپونىيە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا تىرىشىۋاتقان بىر پەيتتە ياپونىيە بىلەن تەيۋەننىڭ ئاساسلىقى ئەقىل ئامبىرى، تور بىخەتەرلىكى، دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىشالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مۇتەخەسسىسلەر ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەنىڭ بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى، ياپونىيە بىلەن تەيۋەننىڭ بولسا بۇ جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ كۈچەيتىشكە ئېھتىياجى بارلىقىنى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 640 قېتىم كۆرۈلدى
07/10/2019 17:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق