بىڭتۇەن ئاخبارات ئىشخانىسى كەسپى خادىم قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى تارقاتتى

بىڭتۇەن ئاخبارات ئىشخانىسى كەسپى خادىم قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى تارقاتتى

10-سېنتەبىر تەڭرىتاغ تورى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قورچاق ئورگىنى بىڭتۇەن ئاخبارات ئىشخانىسى كەسپى خادىم قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى تارقاتقان. ئۇقتۇرۇشتا 2019-يىلى ئۈچ مىڭغا يېقىن كەسپىي خادىم قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى، بۇ قېتىم قوبۇل قىلىنىدىغان خىزمەتچىلەرنىڭ ئالىي مەكتەپ ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن.
تارىختىن بېرى بىڭتۇەنلەردىكى كەسپىي خادىملارنىڭ ھەممىسى خىتاي بولۇپ، بۇ قېتىم خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەسپىي خادىملارنى قوبۇل قىلىشى بىڭتۇەن قوشۇنىنى تېخىمۇ زورايتىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈرىدىكەن.
يېقىندىن بۇيان خىتاي بىڭتۇەننىڭ سىياسىي ئورنىنى يۈكسەلدۈرۈشكە ۋە ئۇنى ئاتالمىش «ش ئۇ ئا ر ھۆكۈمەت» بىلەن باراۋەر ئورۇنغا قويۇشقا كۈچ سەرپ قىلىۋاتقانلىقى دىققەت قوزغىماقتا.

بۇ خەۋەر 1341 قېتىم كۆرۈلدى
12/09/2019 14:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق