ئالبانىيە مۇخبىرى خىتايىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى

ئالبانىيە مۇخبىرى خىتايىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى

ئالدىنقى ھەپتە شەرقىي تۈركىستاندا زىيارەتتە بولغان ئولسى جازېجى (Olsi Jazexhi) شەرقىي تۈركىستاندا ئىنتايىن ئېغىر بولغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەنچىلىكى مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئالبانىيەلىك مۇخبىر، پىروفېسسور ئولسى جازېجى ئالدىنقى ھەپتە باشقا دۆلەت مۇخبىرلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۈرۈمچى، ئاقسۇ ۋە قەشقەردە زىيارەتتە بولغان. ئۇ زىيارەت جەريانىدا بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەرنى يۇتيۇب قانىلىغا يوللىغان بولۇپ، ھەرقايسى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆپلەپ تارقىتىلغان.
ئولسى جازېجى زىيارەتنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، دۆلىتىگە قايقاندىن كېيىن، تۈنۈگۈن (يەكشەنبە) يۇتيۇب قانىلى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندا كۆرگەنلىكىنى خۇلاسىلەپ، بىر سائەتلىك ئاغزاكى دوكلات ئېلان قىلغان.
ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «ئۈرۈمچىگە چۈشكەندىن كېيىن ھەممە ئىشنىڭ جايىدا ئىكەنلىكىنى، خەلقنىڭ ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بۇ يەردە ھېچقانداق مەسىلە يوق ئىكەن، غەرب تاراتقۇلىرى كۆپتۈرۈپ تەشۋىق قىلىپتۇ، دەپ ئويلىدىم. ئەمما خەلقئارا چوڭ بازارنى ئايلىنىش جەريانىدا بەزى ئىشلارنىڭ بىنورمال ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشقا باشلىدىم». ئۇ خەلقئارا چوڭ بازارنى ئايلىنىش جەريانىدا مەسچىتنىڭ تاقاق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ھەيران قالغان.
زىيارەت جەريانىدا خىتاي دائىرىلىرى مۇخبىرلارغا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى قانداق تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېغىر بولغان تېررلۇق ۋەقەلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركىزى»نى تەسىس قىلغانلىقىنى ۋە خەلقنىڭ بۇنىڭدىن رازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مۇخبىرلار پەقەت خىتاي بېكىتىپ بەرگەن جايلارنىلا زىيارەت قىلىشقا رۇخسەت قىلىنغان بولۇپ، پۇقرالارنى زىيارەت قىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان. شۇنداقلا پۇقرالارمۇ قورقۇنچ تۈپەيلىدىن ئۇلارغا سۆز قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان.
ئولسى جازېجى ئاقسۇدىكى جازا لاگېرىنى زىيارەت قىلغاندا ھاڭ-تاڭ قالغانلىقىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇ يەرگە قامالغانلارنى رادىكال، تېررورچى دەپ سۈپەتلىگەنلىكىنى، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ پەقەت ئاللاھقا ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈنلا يىللاپ قاماققا ئېلىنغانلىقىنى، ئەڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇقلىرىمۇ جىنايەت دەپ قارىلىپ، ئۇلاردىن مەھرۇم قالدۇرۇلغانلىقىنى، بۇ يەرنىڭ ئەمەلىيەتتە بىر تۈرمە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ يەنە جۈمە نامىزىنى ھېيتگاھ مەسچىتىدە ئوقۇغانلىقىنى، مەسچىت ئىمامى زىيارەت جەريانىدا جۈمە نامىزىغا مىڭ نەچچە يۈز كىشىنىڭ قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە 500 گە يەتمىگەن كىشىنىڭ نامازغا كەلگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ياشانغانلار ئىكەنلىكىنى، ياشلاردىن، بالىلاردىن، ئاياللاردىن بىرمۇ كىشىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.
مۇخبىرلار زىيارەتنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، قايتىش ئالدىدا مەلۇم بىر خىتاي ئەمەلدار ئۇلارغا تەھدىت سېلىپ، خىتاينىڭ يامان گېپىنى قىلىپ خەۋەر ئېلان قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى، بولمىسا ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئولسى جازېجى خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە دەۋرىمىزدىكى ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئىكەنلىكىنى، ھېچقانداق جايدا بۇ جىنايەتلەرنى ئاقلىغىلى بولمايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا بۇ مەركەزلەرنى جازا لاگېرى دەپ ئاتىسا توغرا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ئاخىرىدا يەنە خىتاينى بۇ جازا لاگېرلىرىنى تېز سۈرئەتتە تاقاشقا چاقىرىق قىلغان.

بۇ خەۋەر 3512 قېتىم كۆرۈلدى
26/08/2019 13:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق