ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەربىيەلەنگەن ئۆلىمالارنىڭمۇ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى


ئالدىنقى ئايدا شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات ۋە ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئىستىقلال بۆلۈمىمىز خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۆتكۈزۈۋاتقان باستۇرۇش جىنايەتلىرىنى خەلقئاراغا پاش قىلىش، خەلقىمىزنىڭ لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قامالغان ئۆلىما، قارى قۇرئانلار ھەققىدە ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىشى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلغان ئىدۇق. 
خەلقىمىزنىڭ بىز بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىشى نەتىجىسىدە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ نۇرغۇنلىغان ئۆلىما ۋە قارى قۇرئانلارنى تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىغا قامىغانلىقى ئاشكارىلاندى.
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۇچۇر يوللىغان قېرىنداشلىرىمىزغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمىز. ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىر پارچىسى بولغان شەرقي تۈركىستان خەلقى قاتتىق خورلىنىۋاتقان بىر پەيتتە قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن يوللىغان ئۇچۇرلىرى ئۈچۈن ئەجرى ئەزىم ئاتا قىلىشنى ئاللاھتىن سورايمىز.
بىز بۈگۈندىن باشلاپ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى لاگېر ياكى تۈرمىگە قامىغان ئۆلىمالىرىمىزدىن ھەر كۈنى بىر ياكى بىرقانچە كىشىنىڭ خەۋىرىنى ئۇيغۇر، تۈرك ۋە ئەرەب تىللىرىدا تارقىتىمىز.
قېرىنداشلىرىمىزنىڭ داۋاملىق ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
قېرىنداشلىرىمىز تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن خىتايلار ئاچقان ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، مەسجىدلەردە ئىمام-خاتىپلىق خىزمىتىنى قىلىۋاتقان ئۆلىمالارنىڭمۇ ئەسەبىيلىك، تېررورلۇق باھانىسى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئىگىلىدۇق. 
ئوڭدىن ئىككىنچى كىشى ئەنۋەر سەلەي، شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجىدا تونۇلغان ھەققانىيەتچى ئۆلىما. غۇلجا شەھەر بايانداي بىرىنچى كەنت مەسجىدىنىڭ ئىمامى. ئۇ 2017-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنغان.
ئوڭدىن ئۈچىنچى كىشى ئابدۇخېلىل ئىسمائىل، بايانداي بازارلىق ئىككىنچى كەنتنىڭ ئىمامى. 1997-يىلى ئىسلام ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەندىن بېرى ئىماملىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلگەن. ئۇ 2017-يىلى 5-ئايدا سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنغان.
ئوڭدىن بەشىنچى كىشى ياقۇپجان داۋۇت، غۇلجا ياشلىرى ئىچىدە چوڭ تەسىرگە ئىگە ئۆلىمالارنىڭ بىرى. ئۇ 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىدا سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنغان. 
ئوڭدىن ئالتىنچى كىشى جۈرئەت باقى. غۇلجا شەھەر بايانداي بازارلىق گاڭگۇل مەھەللە مەسجىدىنىڭ ئىمامى. مەزكۇر ئۆلىمالار 2017-يىلىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن باشلاپ سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنغان، ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى بولمىغان.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئۆزلىرى ئاچقان ئىسلام ئىنستىتۇتىدىن تەربىيەلىنىپ چىققان ئۆلىمالارغا «ئەسەبىي، تېررورچى» دەپ تۆھمەت چاپلىشى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن جازالاپ يوقىتىشنى ئويلىغانلىقىنى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ خەلقئارادا تەشۋىق قىلىۋاتقان «ئەسەبىي، تېرورچىلارنى تەربىيەلەۋاتىمىز» دېگەن سۆزلىرىنىڭ يالغانچىلىق ئىكەنلىكىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئەخمەق قىلىۋاتقانلىقىنىڭ نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى دېيىشمەكتە.

بۇ خەۋەر 10708 قېتىم كۆرۈلدى
06/03/2019 18:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق