خىتاي خەلقئارالىق مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىگە توسقۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن ۋاسىتە تاللىمىغان

خىتاي خەلقئارالىق مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىگە توسقۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن ۋاسىتە تاللىمىغان

ر ت ل (RTL) تورىنىڭ تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان دوكلاتىدا خەلقئارالىق مۇخبىرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زىيارىتىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن قانداق توسقۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، مۇخبىرلار زىيارەت جەريانىدا پەقەت خىتاي دائىرىلىرى كۆرسىتىپ بېرىلگەن دائىرە ئىچىدىلا ھەرىكەت قىلىشقا رۇخسەت قىلىنغان. مۇخبىرلار يېقىن ئەتراپتىكى باشقا جازا لاگېرلىرىنى زىيارەت قىلماقچى بولغاندا، خىتاي دائىرىلىرى لاگېرغا تۇتىشىدىغان يولدا يالغاندىن قاتناش ۋەقەسى پەيدا قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرلىرى خوتەندىكى مەلۇم جازا لاگېرىنى زىيارەت قىلماقچى بولغاندا ئىزچىل ئارقىسىغا چۈشكەن خىتاي خادىملىرى تېزلىكتە ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ، يولغا توسۇق قويۇۋالغان. مۇخبىرلار ئامالسىز يىراقتىن سۈرەتكە تارتىشقا مەجبۇر بولغان.
خىتاينىڭ قاتمۇقات چەكلىمىلىرى تۈپەيلىدىن، شۇنداقلا زەرەر يەتكۈزۈپ قويۇشتىن ئەنسىرىگەن مۇخبىرلار يەرلىك خەلقنى زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن.
مۇخبىرلار يەنە چېقىۋېتىلدى دەپ قارالغان ئاتۇشتىكى مەلۇم مەسچىتنىڭ ئەسلى ئورنىغا بارماقچى بولغاندا، ساقچىلار يولنى توسۇۋالغان ۋە ئالدىدا قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقانلىقىنى، يولنىڭ ھەپتىگىچە ئېچىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مۇخبىرلار قەشقەردىكى ھېيگاھ جامەسىنى زىيارەت قىلماقچى بولغاندا، مەسچىتنىڭ ئالدىدىكى يىراق يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاتالمىش «مۇخبىرلار زىيارەت رايونى»دىلا تۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنغان.
ئۇندىن باشقا ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن خەلقئارالىق مۇخبىرلارمۇ ئوخشاش ئۇسۇللاردىكى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان بولۇپ، ھەتتا خىتاي خادىملار بەزىلىرىگە ئاشكارا تەھدىت سالغان ۋە تارتىۋالغان بەزى سۈرەتلەرنى مەجبۇرىي يۇيۇۋەتكەن. مۇخبىرلارنىڭ ئارقسىغا باشتىن ئاخىر خىتاي خادىملىرى ئەگىشىۋالغان. يەنە بىر مۇخبىرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئۆزى تۇرۇۋاتقان مېھمانخانىغا قايتىپ كەلگەندە يۈك-تاقلىرىنىڭ جايىدا ئەمەسلىكىنى، خىتاي خادىملىرى تەرىپىدىن ئاختۇرۇلغانلىقىنى بايقىغان.

 

بۇ خەۋەر 983 قېتىم كۆرۈلدى
28/06/2019 14:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق