دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دېموكراتىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دېموكراتىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

4-ئىيۇن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باشقا ئىككى تەشكىلات بىلەن بىرلىكتە 2019-يىللىق «دېموكراتىيە مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى.
تىيەنئەنمېن قەتلىئامىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى ئامېرىكا پارلامېنتىدا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىكنى قوغداش يولىدا بىرىنجى سەپتە تۇرۇپ، خىرىستىيانلارنىڭ، تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش، مەدەنىيىتىنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئۈچ ئورگانغا 2019-يىللىق «دېموكراتىيە مۇكاپاتى» تارقاتتى.
مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئۈچ ئورگان بولسا خىرىستىيانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بولغان «خىتايغا ياردەم جەمئىيىتى»، «تىبەتلەر ھەرىكىتى مەركىزى» ۋە «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» ئىكەن.
مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، خىتايغا ياردەم جەمئىيىتى رەئىسى فۇسىچيۇ، تىبەتلەر ھەرىكىتى رەئىسى لاجىن جېتۇڭ قاتارلىقلار مۇكاپاتنى تاپشۇرۇۋالدى.

خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان بۇ ئۈچ ئورگانغا مۇكاپات تارقىتىلىشى خىتايغا نىسبەتەن بىر زەربە، دىنىي ئەركىنلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنغان خەلقلەر ئۈچۈن ئۈمىد ۋە كۈچ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بۇ خەۋەر 1425 قېتىم كۆرۈلدى
07/06/2019 00:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق