سايراگۈل قايتىدىن خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدىكى ۋەھشىي جىنايەتلىرىنى ئاشكارىلىدى

 

ئىلگىرى جازا لاگېرىدىكى قەتلىئامغا شاھىد بولغان سايراگۈل ساۋۇتباي 10-ماي ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە خەۋەرلىرى تورى(CNN)مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ جازا لاگېرلىرىدا ئۆتكۈزۈۋاتقان جىنايەتلىرىنى ئاشكارىلىدى.
مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سايراگۈل ساۋۇتباي خىتاينىڭ جازا لاگېرىدىكى تۇتقۇنلارغا «ھەر قايسىڭنىڭ ھايات ياشاۋاتقانلىقى كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ سەنلەرگە قىلغان مەرھەمىتى، ھەر قايسىڭنىڭ خىتاي تىلىنى بىلمىگەنلىكىڭ جىنايەتچى ئىكەنلىكىڭنىڭ بەلگىسى، خىتاي تىلىنى بىلمىگەنلىكىڭ كوممۇنىستىك پارتىيەگە قارشىلىق قىلغانلىقىڭ بولىدۇ» دېگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.
ئۇ يەنە مۇخبىرغا خىتاينىڭ ئاتالمىش «تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپى» دېگەن تەشۋىقاتلىرىنىڭ پۈتۈنلەي يالغان ئىكەنلىكىنى، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئورۇنلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تۈرمە ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ يولسىز مۇئامىلىلىرىگە نارازى بولۇپ، قارشىلىق قىلغانلارنىڭ باشقا يەرگە ئېلىپ كېتىلىپ، نامەلۇم ئوكۇل ئارقىلىق ھاڭۋاقتى قىلىپ قويۇلىدىغانلىقىنى، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ 20 ياش ئەتراپىدىكى توي قىلمىغان قىزلارنى تاللاپ ئەچىقىپ كېتىپ، بىرنەچچە سائەت ياكى يېرىم كېچە ئۆتكەندىن كېيىن كامىرغا قايتۇرۇپ كېلىدىغانلىقىنى، ھەرقانداق كىشى بۇ قىزلارنىڭ باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى بىلەلەيدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
سايراگۈل ساۋۇتباي ئىلگىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تەسىس قىلغان ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى جازا لاگېرىدا خىزمەت قىلغان ۋە ئۇ يەردىكى قورقۇنچلۇق قىيىن-قىستاقلارغا، خورلۇقلارغا، قەتلىئاملارغا شاھىد بولغان بىر ئوقۇتقۇچى بولۇپ، قازاقىستانغا بېرىۋالغاندىن كېيىن خىتاينىڭ تۆھمەت-شىكايەتلىرى نەتىجىسىدە قازاقىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان. ئۇ ھازىر خەلقئارا جەمئىيەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىغا سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسى سۇنغان بولۇپ، ئىلتىماسىنىڭ تەستىقلىنىشىنى كۈتمەكتە.

 

بۇ خەۋەر 1494 قېتىم كۆرۈلدى
11/05/2019 17:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق