رۇسىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ سۇرىيەگە ئالاقىدار كېلىشىمنىڭ مەزمۇنى ئېلان قىلىندى

رۇسىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ سۇرىيەگە ئالاقىدار كېلىشىمنىڭ مەزمۇنى ئېلان قىلىندى
خەۋەر يەتتە تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىب ئەردوغان رۇسىيە بىلەن ھاسىل قىلىنغان سۇرىيەگە ئالاقىدار كېلىشىمنىڭ مەزمۇنى ئېلان قىلدى.
خەۋەردە رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىگە بارغان پىرېزىدېنت ئەردوغاننىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنت مەھكىمىسىدە ئالتە سائەت سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن قوشما بايانات ئېلان قىلىپ، بىر مەزگىل تېررورلۇق بىلەن نامى چىققان سۇرىيەنىڭ تۈركىيەنىڭ تىرىشچانلىقلىرى ئارقىسىدا قايتىدىن خاتىرجەملىك ۋە مۇقىملىققا ئېرىشكەنلىكىنى، 350 مىڭ كۇردلارنى قوشقاندا جەمئىي ئۈچ مىليون 650 مىڭ سۇرىيەلىككە سەككىز يىل قۇچاق ئاچقانلىقىنى، ھازىر سۇرىيە خەلقىدىكى ۋەتەن ھەسرىتىنى پەسكويغا چۈشۈرىدىغان ۋاقىتنىڭ كەلگەنلىكىنى، پۇتىن بىلەن تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
پىرېزىدېنت ئەردوغان ئېلان قىلغان كېلىشىمنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
«تۈركىيە-سۇرىيە چېگراسىدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۇرىيەدىكى گۇماشتىسى پ ي د ئۇنسۇرلىرى 23-ئۆكتەبىر چۈش سائەت 12:00 دىن باشلاپ 150 سائەت ئىچىدە قوراللىرى بىلەن بىرلىكتە 30 كىلومېتىر يىراقلىققا چېكىنىدۇ. ئارقىدىن مەزكۇر رايوننىڭ ئون كىلومېتىر دائىرىسى ئىچىدە تۈرك-رۇس ئەسكەرلىرىنىڭ چارلاش ھەرىكىتى باشلىنىدۇ».
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان پۇتىن: «تۈركىيەنىڭ چېگرا بىخەتەرلىكى توغرىسىدىكى ئەندىشىلىرىنى چۈشىنىمىز. تۈركىيەنىڭ مىللىي بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش يولىدا قەدەم تاشلىماقچى بولغانلىقىنى كۆپ قېتىم تىلغا ئالدۇق» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.
مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىن كېيىن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلى ئون ماددىلىق كېلىشىمنىڭ تېكىستىنى ئوقۇپ، سۇرىيەنىڭ تەل ئابياد ۋە رەسۇلەيىن رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۆۋەتتىكى تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتىدىكى تۈركىيەنىڭ ئەسلى مەيدانىنىڭ ساقلىنىپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 606 قېتىم كۆرۈلدى
25/10/2019 14:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق